خىتايغا تەرەققىيات ياردەم پۇلى بېرىش مەسىلىسى، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش - تارتىشتا قالغان بىر مەسىلە. "دۇنيا گېزىتى" نىڭ 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم گېرمانىيە FDP پارتىيىسىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى بىلەن، خىتايغا بېرىلىدىغان تەرەققىيات ياردەم پۇلىنى توختىتىش مەسىلىسىدە پارلامېنتتىكىلەر پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن. ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى سەھىيە ئىشلىرى، مۇھىت قوغداش ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بەرگەن پۇلى 200 مىليون يېۋروغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ياردەم گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خەلق ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق پەيدا قىلغان. "ھارام كەتكەن پۇل" دېگەن چۇقان مەتبۇئاتلارنى قاپلىغان.
خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولماقچى
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايغا تەرەققىيات ياردەم پۇلى بېرىشكە قارشى مەيداندىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى "خىتايغا ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، خىتاي ئەمدى ئۆز كۈچىگە تايىنىشى كېرەك" دېسە، يەنە بىر قىسمى "بىز خىتاينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۆزىمىزگە رەقىپ بولالايدىغان سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ قويدۇق. خىتاينىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىغا سېلىۋاتقان زىيىنى، باشقا ھەرقانداق دۆلەتلەرنىڭكىدىن زور بولماقتا. ماللىرىمىزنى كوپىي قىلىپ ياسىماقتا، بازارلىرىمىزنى مونوپول قىلماقتا. بۇ تۈپەيلى يىلىغا قانچە ئون مىليون يېۋرو زىيان تارتماقتىمىز" دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا "خىتاي غەربنىڭ ياردىمىنى قانداقتۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقى ئۈچۈن، مۇھىت پاكلىقى ئۈچۈن ياكى دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىي تەرەققىياتقا سەرىپ قىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا ئۇرۇنماقتا" دەپ ئەيىبلىگەن.
مۇستەبىت بىر دۆلەتكە ياردەم قىلىشقا بولمايدۇ
گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ زور بولۇپ، ئۇلار "خىتايدەك كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، ئەركىنلىك قامال قىلىنغان، قانۇن كۈچىنى يوقاتقان، خەلق ئىچىدە يىلىغا 90مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قارشىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مۇستەبىت بىر دۆلەتكە ياردەم قىلىش، خەلقنىڭ ئېزىلىشىگە ياردەم قىلغان بىلەن باراۋەر" دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا تەرەققىيات ياردەم پۇلى بېرىش ئىشىغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار غەربنىڭ بۇ ياردىمى خىتايدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى خىتاي دىكتاتورىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
"خىتاي غەرىپنىڭ ياردەم پۇلىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلەتمەكتە"
باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھرىگە جايلاشقان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇن ئەپەندى، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ياكى دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتايغا بېرىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم پۇلىنىڭ خەلقكە ھېچقانداق مەنپەئەتى يوقلىقىنى، ئەكسىچە بۇ پۇلنىڭ بىگۇناھ خەلقنىڭ باستۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۇرسۇن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىن تالان - تاراج قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا سەرىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، 90 - يىللىرى دۇنيا بانكىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلنى، خىتاينىڭ بىڭتۈئەندىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا ئىشلەتكەنلىكىنى مىسال ئالدى.
گېرمانىيىدە %88 ئادەم خىتايغا ياردەم بېرىشكە قارشى
گېرمانىيىنىڭ خىتايغا بېرىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم پۇلىنى توختىتىش ياكى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا "دۇنيا گېزىتى"دە راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %88 ئادەم خىتايغا ياردەم بېرىلمەسلىكى ياكى بېرىلىۋاتقان بۇ ئىقتىسادى ياردەم بۇرۇنلا توختىتىلىشى كېرەك ئىدى، دەپ قارىغان. %4 ئادەم ھازىر بۇ ياردەمنى توختىتىشنىڭ دەل ۋاقتى، دەپ ئاۋاز بەرگەن. %9 ئادەم بولسا، خىتاي بۇ ياردەمگە مۇھتاج، دەپ قارىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايغا ئەڭ كۆپ تەرەققىيات ياردەم پۇلى بېرىۋاتقان دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينى بۈگۈنكى تەرەققىياتقا باشلاپ كىرگەن ۋە نەتىجىدە ئۆزىگە ئەڭ چوڭ دۈشمەن تېپىۋالغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.