بۈگۈن ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرلىكى خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى ھەققىدە بىر تەھلىل ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كيوتودىن بايان قىلىشىچە، بۇ، بۇلتۇر 9-ئايدا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ياپونىيىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلغان تەھلىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە بۇ تەھلىلىدە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھازىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ سەزگۈر نۇقتا دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكىغا دەرھال ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا يەنە، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇش ئۈچۈن، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە بۇ تەھلىلىدە، «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پۈتۈن دۇنيانىڭ مەبلىغى بىلەن تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتى كۈنسېرى كېڭىيىشىگە باشلىغاندىن كېيىن، ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى پەيدا بولدى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنى، خىتاينىڭ ھازىر تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەدەپ ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىغا ھاۋادا يېقىلغۇ قاچىلاشنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ئۆزى مۇشۇنداق قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈشىگە قوپاللىق بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشكە چاقىرغان.
ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرلىكى خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان بۇ تەھلىلىدە يەنە، ياپونىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ ياپونىيىدە رەھبەر ئالماشتۇرۇلۇۋاتقان چاغلاردا، رۇسىيە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، تارىختا قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان ياپونىيە زېمىنلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، خىتايغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.
ياپونىيە مۇشۇنداق تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە 33 مىڭ ئەسكىرى، جەنۇبىي كورىيىدە 80 مىڭ ئەسكىرى بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ھەربىي كۈچى تېخى ناھايىتى ئاجىز، بولۇپمۇ ياپونىيىنىڭ تېخى خىتايغا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرالايدىغان دۆلەت ئارمىيىسى بولمىغانلىقىنى قايتىدىن تەكىتلەپ ئۆتكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرلىكى خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى ھەققىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ دوكلات، ياپون خەلقنىڭ يېڭى چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىلىكلەر ھازىر ئاساسى تەھدىت خىتاي كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ، ياپونىيىلىكلەر ئىچىدە خىتايغا ئىشەنمەسلىك، خىتايدىن مۇداپىئەلىنىش چۈشەنچىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيىلىكلەردە ئىدىيىۋى تەييارلىق پۇختا، پىشىپ يېتىلگەن تەشەببۇسلار بار.