يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە "يوقىلىش ياكى پۈتۈنلەي خىتايلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى ئاقسۇ شەھىرى " دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىلىپ، باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈلۈپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ھەر خىل مۇلاھىزىلەر مەيدانغا كەلدى. چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يوقىلىش ياكى پۈتۈنلەي خىتايلىشىش ئەھۋالىغا قانداق قارايدۇ؟
ئۇيغۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان "يوقىلىش ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى ئاقسۇ" تېمىسىدىكى ماقالىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى بۇرۇنقى تۆمۈرچى مەھەللىسىدىكى بازارنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي خىتايچە بازار ياساپ، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىر جۈپ ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: "ھەيكەل، كۆپىنچە مەنىلەردە ئۆلگەن ياكى يوقالغان نەرسە ياكى ئادەملەرنى ياد ئېتىش، خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسىلىدۇ، دېمەك خىتايلار ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەيكەل ئارقىلىق بۇ زېمىندا ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىپادە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن 'ھەي ئۇيغۇر، سەن ئۇسۇلۇڭنى ئويناۋەر، بىز سېنىڭ يېرىڭدە سودا قىلىپ پۇل تاپىمىز' دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ."
بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە يەنە، 2000-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئاقسۇ شەھىرىنى زىيارەت قىلغان بىر ساياھەتچىنىڭ ئەسلىمىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: "پەرەز قىلىشىمچە، ئاقسۇدىكى خىتايلارنىڭ سانى كورلىدىكى خىتايلارنىڭ سانىدىن ئاز ئەمەس، پۈتۈن ئاقسۇ تولۇق خىتاي ئۇسلۇبىدىكى بىر شەھەرگە ئايلىنىپ بولغان. شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن، ئاقسۇنىڭ مەشھۇر كوچىلىرىدىن رەستە كوچىسى ۋە قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى چۆل-باياۋانلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن. مەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالمىدىم، دېمەكچى بولغىنىم، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت شەھەرلىرى، بولۇپمۇ مەركىزى قەشقەر شەھىرىنىڭ تامامەن خىتايلاشتۇرۇلۇپ، يوق بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ."
بىز تور مەيدانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مەسىلە ھەققىدە، يەرلىك ئاقسۇ خەلقىنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرىدە تونۇلغان ساقچىلاردىن مەمەت توختىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇق.
ئۇ بىزنىڭ زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قوپاللىق بىلەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.
ئاقسۇ شەھىرىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بولۇپ، شەھەر ئىچىدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى رەت قىلدى.
ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ھەمدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەندۇق. ئەمما، ئۇلار بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، ئاقسۇغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى ئەسلى تارىخىدىن ئايرىپ، خىتاي بىلەن بولغان پەرقىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىستراتېگىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.