0:00 / 0:00
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلات بېرىش ئۆمەكلىرى بۇ جايلارغا بېرىپ، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش ھەققىدە قىلغان گەپلىرىنى 'ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا غەمخورلۇق قىلغانلىق' دەپ تەشۋىق قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، كۆپ تىل ئۆگىنىش ياخشى ئىش، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'قوش تىللىق' دېگەن نام ئاستىدا قىلىۋاتقان ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەرىكەت.
دىلشات رىشىت ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'قوش تىللىق' دېگەن شوئارىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەھلىل قىلدى.