د ئۇ ق خىتاينىڭ «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە توقۇنۇشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋەقەلىرىدىن كېيىن «تېررورلۇققا» زەربە بېرىشنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 11‏-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاتالمىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئېلانىدا ھەرىكەتنىڭ 11‏-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 15‏-ئۆكتەبىرگە قەدەر ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى، بۇ جەريانىدا نۇقتىلىق رايونلاردا چارلاش كۈچەيتىلىپ، كىملىك تەكشۈرۈش، كوچىدىكى پۇقرا ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاختۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلاندا گۇمانلىق پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئەيىبلەنگۈچىلەرنى تېز ۋە قاتتىق جازالاش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك بارلىق ج خ تارماقلىرىنىڭ «بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى، قورقۇنچ ۋە ھەيۋە پەيدا قىلىشى» كېرەكلىكى تەكلىتلەنگەن. ئاتالمىش زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنى چوقۇم تېپىپ چىقىش، بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە تامامەن خاتىمە بېرىش زۆرۈرلۈكى كۆرسىتىلگەن.

لېكىن بۇ ھەرىكەتنىڭ د ئۇ ق ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۈچەيتىلىپ، ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەر قانداق ئادەمنى دەرھال ئېتىپ تاشلاش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قەرەللىك ئاساستىكى نورمال ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىكى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق نارازىلىقى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان، دېگەن قاراشنى ئۆزگەرتەلمىدى.

مەزكۇر ھەرىكەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە بېرىلگەن بۇ ھوقۇقنى ئۇلارنى ئادەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتايغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرمەي، قارا-قويۇق قورال ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رامزان ئېيىدا باشلانغان بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچلىككە ئۇچراشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، توقۇنۇش ۋە قارشىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا ھېچقانداق ياردىمى تەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەلىرى» دىن كېيىن باشلىنىپ قالماي، بۇ ھەرىكەت يەنە 1‏-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە باشلىنىدىغان «جوڭگو-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» نىڭ ھارپىسىدا ۋە خىتاينىڭ 1‏-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن باشلانغان ئىدى. خىتاي «تېررورلۇققا» قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ «قار يىلپىزى» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» دە 18 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەگە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن بىر كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ۋە ئۇنىڭ پاكىستاندا تەلىم-تەربىيە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ ش ت ئى ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىنى رەت قىلىپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ يەرلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىك خەلق ئارىسىدا ئۆزىنىڭ «ئىجابىي» ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، مەسىلىنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «جاڭ چۈنشيەن نىسبەتەن لىبېرال، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى باشلانغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە يېقىندا يۈز بەرگەن مۇقىمسىزلىق ئۇنىڭ رايوندا رايوندا ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ تامامەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ تەكىتلەنگەن. قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى يېڭى بىر تۈسكە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق»قا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى مەلۇم. ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى ئېلاندا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» ۋە توردىكى بارلىق «قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار» نىڭ باستۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش يەنە بەزى خەلقئارا ئورگانلار «قاتتىق زەربە بېرىش» كە ئوخشاش بۇ خىل ھەرىكەت خىتاينىڭ قانۇنى تەرتىپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كىشىلەرنى خالىغانچە جازالاشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن «خەلق» گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق «جوڭگو-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» ۋە خىتاينىڭ 1‏-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدا زور كۆلەملىك ۋەقە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.