سەنئەت ساھەسىدىكى بەزى زاتلار بولسا دۇنيا كىنو ئەھلىنى كىنو ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرماقتا.
ئاۋستىرالىيە مېلبورىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 8 - ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا، كىنو فېستىۋالىدىكى ئەڭ جەلپكار شەخس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتىنى تېما قىلغان Jeff Danial نىڭ رېژىسسورلۇقى ۋە جون لەۋىسنىڭ دىرېكتورلۇقىدىكى"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" دېگەن فىلىم شەنبە كۈنى كۆرسىتىلىدۇ. رابىيە خانىم بولسا فېستىېۋالنىڭ شەنبە كۈندىكى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشى مۇمكىن.
مېلبورىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ساھىپخانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قوزغىغان سىياسى ۋە دىپلوماتىك بوران - چاپقۇن كىشىلەرنىڭ فېلىم فېستىۋالىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە بىلەت سېتىلىش ئەھۋالى فېستىۋال تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتقان. فىلىم دىرېكتورى جون لەۋىس ئاۋستىرالىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا فىلىمنىڭ بۇ قەدەر تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى"تەسەۋۋۇرنىڭ سىرتىدىكى ھادىسە"دېگەن.
رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرانجى قىزى راھىلە خانىم فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، رېژىسسورنىڭ بۇ فىلىمغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا ھېچكىمنىڭ Jeff Danial غا ئېتىبار قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى، بۇ فىلىمنىڭ تەسىرىنىڭ بۇ قەدەر زور بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نىڭ فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئاۋستىرالىيىگە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىرگە فىلىم فېستىۋالىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاي، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندە ئىشلەنگەن كىنو فىلىملەر فېستىۋالغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە جيا جاڭكېنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى "نۇقسانسىز ھايات" دېگەن فىلىم بار ئىدى. تەيۋەندە ئىشلەنگەن خىتاي تىلىدىكى كىنو فىلىمى "مياۋ مياۋ"نى بولسا مەركىزى خوڭكوڭدىكى بىر كىنو - فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن، لېكىن بۇ فىلىمنىڭ بىر قىسىم چىقىمىنى تەيۋەن ئۇچۇر مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن ئىدى.
تەيۋەن ئۇچۇر مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كىنو شىركىتى ۋە رېژىسسورنىڭ مەزكۇر فىلىمنى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم سەۋەبى فېستىۋالغا قاتناشتۇرمىغانلىقىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن بولۇپ، تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن ئۇچۇر مىنىستىرى سۇ جۇنپىن "بۇ ھەرىكەت تەيۋەننىڭ خەلقئارا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى،" دېگەن.
راھىلە خانىم خىتاينىڭ بېسىمى ئەكس تەسىر قوزغاپ، فىلىمنىڭ داڭقىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى فىلىمنى چەكلەش ئۇرۇنۇشى مەزكۇر فىلىمنىڭ داڭقىنى چىقىرىش بىلەن قالمىدى، بەلكى دۇنياغا تونۇلغان بەزى كىنو ئوبزورچىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى فىلىم فېستىۋاللىرىنى كىنو ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ، "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نى نيۇيورك كىنو فېستىۋالى ۋە تورونتو كىنو فېستۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
ئامېرىكا "ماگازىن" ژۇرنىلىنىڭ مەشھۇر كىنو فىلىم مۇھەررىرى رىچارد برودىي "نيۇيوركلۇقلار" ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدىكى ستونىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نى دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇشنى، 9 - ئايدىكى تورونتو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ۋە 10 - ئايدىكى نيۇيورك خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن": ھۆكۈمەتكە تەنقىدى پوزىتسىيىدىكى فىلىملەر كىنوخانىلار ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماي، كىنو فېستىۋاللىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر. بۇ نۇقتىدا دۇنيادىكى فىلىم فېستىۋاللىرىنى ئويۇشتۇرغۇچى ئورگانلار قورقماي ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك."
راھىلە خانىم بولسا خىتاي دائىرىلىرىنى سەنئەتكە سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
مېلبورىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلدە يەنە، ئاۋستىرالىيە برىستان خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزىلىدۇ. "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" برىسبان كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلمىغان. لېكىن مېلبورىن كىنو فېستىۋالىنى بايقۇت قىلغان خىتاي تىلىدىكى كىنو فىلىملەر بولسا، برىسبان كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدىكەن. برىسبان خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ دىرېكتورى ئانن دەمى جوئېر خېنىم، رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى دۇنيا مىقياسىدا كۆرسىتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم سىياسىي سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بۇ خىتاي دىرېكتورلار ئۈچۈن بىر كۆڭۈلسىزلىك، لېكىن بۇ كۈچلۈك بىر سىياسىي مەيداننى ئىپادىلەيدۇ ... مەن ھۆججەتلىك فىلىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەۋقەنى ناھايىتى ساغلام دەپ قارايمەن،" دېگەن.