خىتاي ساقچى تارماقلىرى يېقىندا " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى دېگەن بۆھتان بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، رادىئومىز تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر قىسىم كىشىلەر ئاللىقاچان خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان، بۇنىڭدىن سىرت ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۈستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنتېرنېت تور بېتى قۇرغۇچىلىرىنى ۋەقەنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىلەر رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.