چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىنتېرنېت -كومپيۇتېر ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا

ئىنتېرنېت ۋە كومپيۇتېر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، بىلىم ئىگىلەش ۋە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشتا ئىنتايىن ئەۋزەل شارائىتلار يارىتىلدى.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتېرنېت ۋە كومپيۇتېر كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى. لېكىن بەزى دىكتاتور دۆلەتلەر، كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە كومپيۇتېر ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، كانادادىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئۆمەرجان ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.