غەرب ئاخباراتىدا خىتاينىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئانالىزلار

رويتىرس ئاگېنتلىقى، فرانكفۇرت ئالگېمايىن گېزىتى قاتارلىق بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ 2012-يىلىدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئانالىزلار ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئانالىزدا خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگۈسى ئۆزگىرىشلەر، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 2-سېنتەبىر كۈنى رويتىرس ئاگېنتلىقىدىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان «2012-يىلى: خىتايدىكى سىياسىي تەۋەككۈلچىلىك توغرىسىدا ئانالىز» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2012-يىلى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار كومپارتىيىدىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىدىكەن. 2013-يىلى ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا قىلىدىكەن. خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ، ۋېن جياباۋنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. خۇ جىنتاۋ ھەربىي ھوقۇقنى چاڭگىلىدا تۇتۇۋېلىپ، يېڭى ھاكىمىيەتنى تىزگىنلەپ تۇرۇش ئېھتىمالى بارىكەن. ئەمما خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا خېلىلا كەسكىن ئىچكىي توقۇنۇش باشلىنىدىكەن.

ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئۆزگىرىش بولسىمۇ، خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىكەن. ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتلەردە تېخىمۇ زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي مىقياسىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ بارسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈۋىتەلىگىدەك دەرىجىگە كۆتۈرۈلەلمەيدىكەن. تور بەتلىرى ئوخشاشلا قاتتىق قامال قىلىنىدىكەن. ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىدىكەن. خىتايدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پىلتىسى يەنىلا مال باھاسىنىڭ توختىماي ئۆرلىشى، ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى چىرىكلىك، يەر-مۈلۈك زوراۋانلىقى، ئىشسىزلىق، نامراتلىق قاتارلىقلار بولىدىكەن. بىراق، زىيالىيلار تور بەتلەر ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى، ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە غەيرەت كۆرسىتەلىسە، مەۋجۇت ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئېغىر بېسىم پەيدا قىلالايدىكەن.

ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى ياشانغان ھوقۇقدارلارنىڭ كۆپچىلىكى دەم ئېلىشقا چىقسىمۇ، يېڭى ئەۋلاد ھوقۇقدارلاردا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش غەيرىتى يوقكەن. خىتايدا ھېلىمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ شاماللىرى ئۇچۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كىچىك توقۇنۇشلارنىڭ زورىيىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەپتىن ئورۇن ئالغانلار دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە ئاجىز شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئىبارەتكەن. ئۇلار ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھەرقاچان تەھدىت پەيدا قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرقى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇدەك قۇۋۋەت ھاسىل قىلالمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، خىتاينىڭ يېڭى ھاكىمىيەت قاتلىمى پېتىنىپ دېموكراتىيە يولىغا قەدەم باسالمايدىكەن.

ئۇيغۇر زىياليىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى مەيلى خىتاينىڭ مەركىزى ئاپپاراتىدىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشتىن بولسۇن ۋە مەيلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئالمىشىشىدىن بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ قىلچە پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ھازىر خىتاي ئۈچۈن مۇقىملىقتىن مۇھىم مەسىلە قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات شوئارى ئاستىدا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

فرانكفۇرت ئالگېمايىن گېزىتىنىڭ 1-سىنتەبىردىكى «خىتاي رەڭلىق ئەجدىھا ئىستراتېگىيىسىنى قوللانماقتا» ناملىق ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى ئۆز نەپسى-خاھىشى بويىچە بەلگىلەپ كېتىۋېرىدىكەن. نەدە پايدىغا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇ يەرنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى دۆلەت بولامدۇ ياكى دېموكراتىك دۆلەت بولامدۇ، پايدىدىن باشقا ھېچنىمىسىنى سۈرۈشتۈرمەي ئېنىرگىيىگە ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتىشكە تېرىشىدىكەن. خۇددى بۇ يىل 6-ئايدا خۇ جىنتاۋ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللوگىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سۇداننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمدارى ئۆمەر ئال باشىرنى بېيجىڭدا قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، پايدا-مەنپىئەتكىلا ئېرىشەلىسە ھەرقانداق مۇستەبىت بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.

بېريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جوناتخان ھولسلاگ خىتاينى بىر ئۆزگىرىشچان ئەجدىھاغا ئوخشىتىپ، خىتاينىڭ ئۆزىگە نەپ بېرەلەيدىغان ھەرقانداق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغانلىقىنى، ئۇ مۇھىتنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ يۆشېڭ «بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ۋاقتىمىزدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە شەرتلىرىنى قويمايمىز، بىزدە بۇنداق بىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن.

ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ئەللەردىن كونگو، زىمبابۈۋى، سۇدان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي يەنە ئىراننىڭ ئاساسلىق خېرىدارى ئىكەن. خىتاينىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە ئۈچۈن بۇنداق قارا-قويۇق قول سوزۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. ھايدېلبۇرگ خەلقئارالىق توقۇنۇشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەبىئىي بايلىقلارنى تالىشىش كۈرىشى ئۇرۇشنىڭ دائىم كۆزگە چېلىقىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.