خىتاي قانۇن تارماقلىرى' ئۇيغۇرلار ' دېگەن سۆزنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە يول قويدى

خىتاي دۆلىتىنىڭ "تاۋار ماركىسى قانۇنى" نىڭ 10 - بابىدا تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان بىر قانچە تۈرنى ئېنىق بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم كارخانىلار بىر قانچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەخلاق ۋە غۇرۇرىنى ئىپادىلەيدىغان بىرقىسىم تارىخى، مەدەنىي ۋە جۇغراپىيىۋى نام-ئاتالغۇلارنى نامۇۋاپىق شەكىلدە تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە بەزى دەۋالارنى سوت ئورۇنلىرىغا ئېلىپ چىققان ئىدى.

0:00 / 0:00

يېقىنقى تور ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "قاراشەھەر ئىدرىس سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتى" "ئۇيغۇرلار" ،"مىراس" نامىدىكى تاۋار ماركىلىرىنى خىتاي قانۇن تارماقلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى جەھەتتىن قوغدىلىشقا تىگىشلىك بولغان ھەق -ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان.

خىتاي "تاۋار ماركىسى قانۇنى" نىڭ 10 - ماددىسىنىڭ 6 ‏- ۋە 8 ‏- تارماقلىرىدا "مىللى كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ۋە باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىدىغان سۆز، ئاتالغۇ ۋە بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،" دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ تارماقلار سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ تارقىتىلغان "تاۋار ماركىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ ئۆلچىمى" ھەققىدىكى بەلگىلىمىدە تېخىمۇ ئېنىق يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن.

بۇ بەلگىلىمىدە، تاۋار ماركىسىنى تەشكىل قىلىدىغان يېزىق ۋە شەكىل ھەر بىر مىللەتنىڭ نامىغا ئوخشىسا ياكى ئوخشاپراق قالسا ۋە شۇ مىللەتنى خۇنۈكلەشتۇرىدىغان ياكى پەس كۆرىدىغان ھالەت شەكىللەنسە، بۇنداق تاۋار ماركىسىنى مىللى كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تاۋار ماركىسى، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، بۇنداق تاۋار ماركىلىرى "تاۋار ماركىسى قانۇنى" بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ھەم مىسال سۈپىتىدە " ئىندىئان " دېگەن مىللەت نامىنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشكە بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

تاۋار ماركىسىغا دائىر بىلىملەردىن خەۋىرى بار بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "ئۇيغۇر" سۆزى باشقىلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان يېڭى سۆز بولماستىن ، بەلكى تارىختىن بۇيان قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك نامى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە مەھسۇلاتلارغا تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش مىللەتنىڭ ئىززىتىگە تېگىدىغان قانۇنى مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قانۇنىدا چەكلەنگەن بۇ مەزمۇنلارنى يەنە قانۇن بۇيىچە رويخەتكە ئېلىپ ئىشلىتىشكە يول قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نام ‏- ئىززىتىگە ئاستىرىتتىن زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

"ئۇيغۇرلار" ۋە "مىراس " نامىدىكى بۇ تاۋار ماركىلىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچى قاراشەھەر ئىدرىس سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى ما شىنلىن ئىسىملىك تۇڭگان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش

Uyghurlar-markisi1-305
"ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ ﺳﯜﺕ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ" ﻧﯩﯔ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﯞﻩ "ﻣﯩﺮﺍﺱ" ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. (ﺑﯘ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.)

سۈت ۋە ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى مۇشۇ تاۋار ماركىسى بىلەن بازارغا سالغان. ئۇيغۇر خېرىدارلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بۇ ئەھۋاللارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان.

بۇ ئىشنىڭ قانۇنى يوللىرىدىن خەۋىرى بار بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سوتقا ئەرز سۇنۇپ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشنى لايىق كۆرگەن بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلارغا ئاسانلا سىياسىي قالپاق كەيدۈرۈشكە ئادەتلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى بۆھتانىغا قېلىشتىن قورققان.

بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ھەسرىتىنى ئىپادىلىگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇنداق دەيدۇ: " خىتاينىڭ تاۋار ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدە، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ياپونىيە كارخانىسى تەرىپىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان "سەن گۇئاڭ" نامىدىكى تاۋار ماركىسىغا ۋە ئەنگلىيە ئالۈئىتو خولدىڭىس شىركىتى ئەنگە ئالدۇرغان "جۇڭگودا ياسالمىغان" نامىدىكى تاۋار ماركىسىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللەتچىلىك خاھىشىنى ئالغان مۇنازىرىلىرى تولۇپ يېتىپتۇ. ئۇلار، بۇ تاۋار ماركىلىرى خىتاي مىللىتىنى كەمسىتىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ قارىغان. ئەجىبا خىتاي زىيالىيلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ غۇرۇرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلسا قانۇنلۇق بولىدىكەن-يۇ ، نېمىشقا بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرۇرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلساق قانۇنلۇق بولمايدىكەن؟"

سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، بۇ خىلدىكى كەمسىتىش يالغۇز ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت بولماستىن ، بەلكى خىتاي كونتروللىقىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرمۇ دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.