بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاينىڭ مەمۇرىي خادىملىرى 3 دانە پاراخوت بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى شىشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىدا چارلاش ئېلىپ بارغان. گەرچە خىتاي تەرەپ ھەربىي پاراخوت ئورنىغا، مەمۇرى خادىملار ئارقىلىق چارلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ ھەق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغان، بۇ سەۋەبتىن بۇ يىل 4 - ئايدا، ۋيېتنام خۇاڭشا تاقىم ئاراللىرىغا بىر ھاكىم تەيىنلىگەن.
بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ۋيېتنام تەرەپ بولسا، مەزكۇر تاقىم ئارالنىڭ 18 - ئەسىردىن بۇيان ۋىېتنامنىڭ زېمىن تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان.
بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ۋە 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاينىڭ دېڭىز چارلىغۇچىلىرى 25 نەپەر ۋېيتناملىق بېلىقچىنى خىتاي دېڭىز تەۋەلىگىگە قانۇنسىز كىردى دېگەن سەۋەب بىلەن قاماققا ئالغان. خىتاي تەرەپ يەنە بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ۋېيتنامدىن بىر قانچە 100 مىڭ دوللار تۆلەم تەلەپ قىلغان. تۆلەم تۆلەنگەندىن كېيىن، قامالغان بېلىقچىلارنىڭ قويۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقە ۋيېتنام خەلقى ئارىسىدا ۋيېتنام ھۆكۈمىتىگە قارشى جىددىي نارازىلىق پەيدا قىلغان؛ يەنى ھۆكۈمەت زېمىن مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاقلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن شۇنداقلا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر جەرىمانىنى تۆلەشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا يەنە جەنۇبى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان ئاراللار مەسىلىسىدە يېڭى لايىھە ئوتتۇرىغا قويغان، لايىھەدە تالاش - تارتىشلارنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ رايوندا بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، بىرلىكتە پايدىلىنىشى تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، بۇ لايىھەنى، خىتاينىڭ زېمىن مەسىلىسىدە ئۇزۇندىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن "ئارقىغا سوزۇش" ھېلىسى دەپ قارىماقتا.
ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە، ۋېيتنامنىڭ 9 بېلىقچى پاراخوتلىرى، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن شىشا تاقىم ئارالىرىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان. پاناھلىق ئىزدەۋاتقان پاراخوتلارغا خىتاي چارلىغۇچىلار ئوق چىقارغان. بوراندىن كېيىن خىتاي تەرەپ ۋېيتناملىق بېلىقچىلارنى ئۇرغان ۋە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.
ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېيتناملىق بېلىقچىلارنىڭ شىشا تاقىم ئارىلىدا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى. باياناتتا، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەنى تېزدىن ئېنىقلاپ، زوراۋانلارنى جازالاپ بېرىشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋېيتناملىقلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
جەنۇبىي دېڭىز مول نېفىت بايلىقى بىلەنلا ئەمەس، يىراق شەرقتىن ئافرىقىغا قەدەر سوزۇلغان دېڭىز قاتناش تۈگۈنى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ، مەنپەئەتدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىشتىھاسىنى ئاشۇرماقتا. خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىىدىكى مۇزاكىرىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ بېرىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ زېمىن مەسىلىسىدىكى "كەينىگە تارتىش" تەدبىرىنىڭ بۇندىن كېيىن كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.