خىتاينىڭ ئولىمپىك ئالدىدىكى تىپىرلاشلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بېيجىڭ ئولىمپىكىگە نەچچە ئون كۈنلا ۋاقىت قالدى. خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى مەخپىي ھالدا ئولىمپىك ئېچىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيە ئورۇنلاشتۇردى ۋە مۇشۇنىڭغا يانداشقان ھالدا بېيجىڭ ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ "شەھەر قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەپ قارالغان ئېلېمېنتلارنى شەھەردىن يوق قىلىشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ' سەلبىي ئېلېمېنتلار 'شەھەر ئىچىدە تىلەمچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان دىۋانىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان شەخسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە سېلىنغان تەھدىتلەر تۈپەيلى مەيدانغا چىققان ئەندىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى دەپ قارايدۇ.

گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى پەقەت يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان نەزەربەنتنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىچىدە تور بەت ئېچىپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان مىليونلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لۇ جۈننىڭ تور بېتى بۇ يىل مايدىلا تاقىۋېتىلگەن بولسا، ئۇ يەنە بۇ ئاي ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلېس شەھىرىدە ئېچىلىدىغان جىگەر ياللۇغى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ساقچىلار يول قويمىغاچقا بارالمىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە لۇ جۈن بۇنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا ئولىمپىك ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك باھانىسىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قارشى پىكىردىكى كىشىلەرگە قەدەر چەكلەش ۋە نەزەربەند قىلىشى ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئۈستىدە توختالغان جىم گېھېران، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى" پەقەت قورقۇشتىن كېلىپ چىققان" دەيدۇ.

جىم گېھېران بولسا خىتايدا دېموكراتىيىنى تەرغىب قىلغۇچى ۋە پۇقرالاردا ھەقىقىي پۇقرالىق ئېڭى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - " پۇقرالار كۈچى" (公民力量) تەشكىلاتى ۋاشىنگتون بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى.

گېھېران ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ خىتايدەك بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىگە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى بېرىشنى ۋەھشىيلىك بىلەن رەت قىلىشى پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە ياكى دىنىي گۇرۇپپىلارغىلا قارىتىلىپ قالماستىن، بەلكى بۇ خىل رەت قىلىشنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىغا سوئال قويۇپ خىتاي ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېھېران ئەپەندى مۇنداق دېدى: " مەنچە ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرىكىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە سوئال قويۇلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. كوممۇنىزم غايىسى ئۆلگەن بولغاچقا ئۇلار يەنە، ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىنى مەھلىيا قىلىدىغان بىرەر ئىدېئولوگىيىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندى. شۇڭلاشقا ئۇلار بىرەر تەشكىلات، بىرەر بىرلىك، ياكى بىرەر شەخسنىڭ چىقىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنسىز تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن قاتتىق قورقۇدۇ".

گېھېران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنى تارتقۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ھوقۇقنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن ئۆزى دۇشمەن دەپ قارىغان ھەرقانداق ئامىللارنى يوق قىلىشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى ئىكەن.

ئولىمپىككە ئاز قالغاندا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان نەزەربەنتنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە سوت ئېچىپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش، گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاختۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۆپەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېچىلغان بىر ئوچۇق سوتتا بەش ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ھەمدە خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ياشلار يىغىلىپ مۇڭدىشىۋاتقان بىر سورۇنغا بېسىپ كىرىپ بەش ئۇيغۇر ياشنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئىككى نەپىرىنى ئەجەللىك يارىلاندۇرغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر بۇ ھادىسىنى ئولىمپىك باھانىسىدا ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش دەپ كۆرسەتكەن بولسا، سىياسىي تەھلىلچى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، بۇنداق شەكىلدىكى باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا نەپرەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغان جىم گېھېران ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسىگە زوراۋان ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئۆز خەلقى ئارىسىدا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېھېران ئەپەندى مۇنداق دېدى: " ۋەھشىيلىك، كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىش ۋە قانۇننى يولسىزلىق بىلەن يۈرگۈزۈش مەڭگۈلۈك ئەمەس. مەيلى سىز قانچىلىك قۇدرەتلىك بولۇڭ، ئىنسان روھىي قاچانلا بولمىسۇن بىر كۈنى ئويغىنىدۇ ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىدۇ".

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇلارنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلاردا ھازىر ئۆز ئەندىشىسىنى باستۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ھەل قىلماقتىن ئۆزگە چارىسى يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن گېھېران ئەپەندى يەنە: "مېنىڭچە قانۇنىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي يولى بولسا خەلق بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى بېرىش ۋە ئارزۇلىرىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇش" دېدى.