خىتاي ئىشلىگەن 'ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى' ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم -‏- ئويدۇرما (1)

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى ‏15 - ئۆكتەبىر كۈنى " ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى" تېمىسىدا بىر ھۈججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى فىلىمدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسنى پۈتۈنلەي د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان "پىلانلىق بىر ھەرىكەت، بۇزۇپ - چېقىش، ئوت قويۇش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى" دەپ كۆرسەتكەن.

0:00 / 0:00

ھالبۇكى، فىلىمدە خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئىسپات دەپ كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈش ھەم ۋەقەلىكلەرنىڭ ساختىلىقى ئىسپاتلانماقتا. بىز فىلىمدە ۋەقەلىك بىلەن مۇناسۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

خىتاي مەركىزى خەلق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن "ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى" تېمىلىق ھۈججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن كىشىلەردە كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق پەيدا قىلدى. فىلىمدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە چەتئەللەردىكى ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەر بىلەن تىل بېرىكتۈرۈشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان پىلانلىق ھەرىكەت ئكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فىلىمدە بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر سۆزلىتىلگەن. فىلىمدە گۈلمىرە ئىسىملىك بىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلمىرەنىڭ يولدىشى بەختىيارنىڭ نورۋىگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى ئىكەنلىكىنى ۋە گۈلمىرەنىڭ يولدىشى ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئەپەندى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

شۇنداقلا بىز، "ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، چەتئەلگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن" دەپ قولغا ئېلىنغان گۈلمىرەنىڭ يولدىشى، خىتاينىڭ ھۈججەتلىك فىلىمىدە نورۋىگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىبى دەپ ئاتالغان بەختىيار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.