ھالبۇكى، فىلىمدە خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئىسپات دەپ كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈش ھەم ۋەقەلىكلەرنىڭ ساختىلىقى ئىسپاتلانماقتا.
بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تەشۋىقات ۋە چەتئەل بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان گۈلمىرە ئىسىملىك قىزنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇۋاتقان يولدىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئەپەندىلەر سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق. سەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ گۈلمىرەنى ۋە ئۇنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇۋاتقان يولدىشىنى تونۇمايدىغانلىقىنى،گۈلمىرەنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنىڭ بىر قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
گۈلمىرەنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇۋاتقان يولدىشى بەختىيار ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ نورۋېگىيىگە تېخى يېڭىلا كەلگەنلىكىنى، ھېچقانداق سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئالاقىسى يوقلۇقىنى ۋە ئايالىنىڭمۇ 2 - ئىيۇل كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئەمەسلىكىنى بۇنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلەپ تارقاتقان بۇ فىلىمدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ۋەتەن ئىچىدە ئىش تېرىش ئۈچۈن مەمەت ئابدۇللا بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇنىڭدىن شاۋگۈەن ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەمەت ئابدۇللا، مۇختار قاتارلىق ياشلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن ماسلىشىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بىز بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
بىز كېيىن يەنە، فىلىمدە ئسىمى تىلغا ئېلىنغان شەخسلەردىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.