خىتاينىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشى خىتاينى ئامالسىز قويماقتا

كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك ھازىر خىتايدىكى چىرىكلىشىش ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىشى، ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، دۆلەت ئىچىدە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى، خەلقئارادا خىتايدىكى چىرىكلىشىش، پارىخورلۇق سەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ ئاشكارىلىنىپ كېتىپ بارغانچە چۈشۈپ كېتىۋاتقان خىتاي ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل خىتايدىكى پۇتبولچىلىق ساھەسىدە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك تەڭشەش ئېلىپ بارماقچى بولغان. ئەمما ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشنى تىزگىنلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا چېتىشلىق

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن 22 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، "خىتايدا پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتىلدى" سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى مۇنداق تەرىپلىنىدۇ: " ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا، خىتايدا پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى تازىلاش ھەرىكىتى بۇ ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتىلماقتا. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نەن يۇڭ، پۇتبول باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ياڭ يىمىڭ ھەم ئىلگىرىكى رېپېرلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنچياڭ قاتارلىق كىشىلەرنى پۇتبول ساھەسىدىكى قىمار جىنايىتىگە چېتىشلىق دېگەن جىنايەت بىلەن سوتقا چاقىردى ھەم ئۇلارنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى. قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى تۈزىمەكچى بولسا كېرەك."

خىتاينىڭ خەلق گېزىتىنىڭ تەنتەربىيە سەھىپىسىنىڭ مۇخبىرى كۇاڭ داجاۋ بۈگۈن ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىزاھلاپ، "گەرچە ئىلگىرى خىتايدا كۆپ قېتىم پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ قىمارلىشىشىغا زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، پەقەتلا ئاساسى جىنايەت گۇماندارلىرىغا زەربە بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارقا تىرىكى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۈرۈشتۈرۈلمىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ساھەدىكى پۇتبول قىمارىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان چىرىكلىك، پارىخورلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىقىنى ئاشۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى،" دەپ جاۋاب بەرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقى ئەنگىلىيە مەتبۇئات ساھەسىدىكى ئاتاقلىق ئەرباب پىئېرس مورگاننىڭ بۇلتۇر خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كېيىن دېگەن گېپىدىكى، " ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاۋاتقان خىتايلار بەلكىم سودا ساھەسىدە ئەنگلىيىدىن ئېشىپ كېتەلەيمىز دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار پۇتبول ساھەسىدە ھەرگىزمۇ ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە يېتىشەلمەيدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ پۇتبول ساھەسى چىرىكلىكتە چېكىگە يېتىپتۇ " دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق، خىتايدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان بۇ يىللاردا خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، پۇتبول چولپانلىرىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ تېرىنېرىگىچە، بۇ ساھەدە ئىشلەيدىغان مەمۇرى خادىملارغىچە ھەممەيلەننىڭ پارا ئالغان قىلمىشلىرىنىڭ جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە زور دەرىجىدە پارا ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى، مۇسابىقە جەريانىدا كۆپ قېتىم يالغان توپ ئۇرۇش، ساختا پۇشتەك چېلىش، ھەتتا توپ مۇسابىقىسىدە قىمارغا پۇل تىككەنلەرنىڭ بىر - بىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدەك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي پۇتبول قىمارىدىكى قارا گۇرۇھلار دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە

ھازىر خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى پۇتبولنى قىمارنىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىۋالغان قارا گۇرۇھلار بۇ خىل پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش ھادىسىسىنى چەتئەللەردىكى پۇتبول كۇلۇپلىرىغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، خەلق گېزىتى مۇخبىرى كۇاڭ داجاۋنىڭ ب ب س مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پۇتبول ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خەلقئارا ساقچى ئەترىتىنىڭ، خىتاي پۇقراسى ۋاڭ جىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى سىنگاپوردا ئېلىپ بېرىلغان زەنجىرسىمان مۇسابىقە نەتىجىسىنى پارا بېرىش يولى بىلەن قانۇنسىز ھالدا ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلاپ، پۇتبولغا تىككەن قىماردىن زور دەرىجىدە نەپ ئالغانلىقىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ پارا بېرىش سەتچىلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن ئاشكارىلانغان پۇتبول ساھەسىدىكى كۆپ كىشىلەرگە چېتىلغان زور دېلو سەۋەبىدىن ئىكەن.

تەرەپلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى پۇتبولنى قىمار ئۇيۇشتۇرۇپ، پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان قارا گۇرۇھلار خىتاي چېگرىسىدىن ھالقىپ، ياۋروپادىكى 9 دۆلەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 200 نەچچە قېتىملىق مۇسابىقىدە پارا بېرىش ئارقىلىق مۇسابىقە نەتىجىسىنى يالغان ئېلان قىلدۇرۇش، توپ كوماندىلىرىغا پارا بېرىش، تەھدىت سېلىش ھەتتا 12 قېتىملىق مۇسابىقىدە گۆرۈگە ئېلىش جىنايەتلىرى سادىر قىلىپ، خەلقئارا پۇتبول ئەخلاقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان ئىكەن. خەلقئارا ساقچىلار گېرمانىيە ھەم شۋېتسارىيە چېگرىسى ئىچىدە بۇلاردىن 17 نەپىرىنى تۇتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن 1 مىليون ياۋرو تېپىلغان.

خىتاي پوتپولچىلىقىنىڭ تۆۋەن سەۋىيىسى، خىتاي خەلقىدىكى چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ختاي پوتبولچىلىقىدىكى چىرىكلىشىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى بۇ خىل چىرىكلىك ھادىسىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەتتا ئۇنىڭ دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىگە كېڭىيىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، خىتايدا ئىقتىسادى يۈكسىلىش بولغان بۇ 20 يىل ئىچىدە، گەرچە خىتاي تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ باشقا ساھەلىرىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا پۇتبول ساھەسىگە كىرەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي پۇقرالىرىدىكى چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، خىتاي پسىخىكىسىغا سىڭىپ كەتكەن پارا بېرىش يولى بىلەن پۇتبول ساھەسىدە ئورنىنى تىكلەش خاھىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن.

مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە 97 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2010 - يىللىق تەييارلىق مۇسابىقىسىدە ھەتتا ئاسىيادىكى 10 كۈچلۈك دۆلەت كوماندىسى ئىچىگىمۇ كىرەلمىگەن. 2002 - يىلى تۇنجى قېتىم قاتناشقان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ خىتاي كوماندىسى 3 قېتىملىق مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمەي ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە 0 نەتىجە بىلەن يېڭىلگەن. خىتاينىڭ توپ مەستانىلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك راي سىناش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، كۆپلىگەن خىتاي تاماشىبىنلىرى مەيلى قانداق ئۇسۇلدا بولمىسۇن، خىتاي پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە كىرىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

مانا مۇشۇ خىل پسىخىكا سەۋەبىدىن، خىتاي كوماندىلىرى توپ ئوينىغاندا كۆپىنچە چاغلاردا مۇسابىقىگە پۇل تىكىش ھەم توپچىلارنى پارا ئارقىلىق سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ساختىلىق قىلىشقا قىستاپ، توپ مۇسابىقىسىنى قىمارغا ئايلاندۇرۇۋېتىپ، پۇتبول ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.