خىتاينىڭ قۇدرىتى ھەققىدە بەش ئەپسانە

«خىتاينىڭ قۇدرىتى ھەققىدە بەش ئەپسانە» ناملىق ماقالىدە، خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا كەڭ ئېقىپ يۈرگەن خىتاينىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى 5 ئاساسىي كۆز قاراشقا قارىتا ئۆزىنىڭ قارشى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

0:00 / 0:00

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ بىرىنچىسى، «خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئازايتىۋېتىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتاي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ۋە شۇنداقلا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارىي شېرىكى، خىتاي ئارمىيىسى بولسا رايوندىكى ئەڭ «يىرتقۇچ» ئارمىيىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان كۈچى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئامېرىكىغا يېقىنلاشتۇرماقتا. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
-بۈگۈن خىتاي كۈچلەنگەنسېرى، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ھەل قىلغۇچ رول ئويناشقا ۋە رايوندىكى تەسىرى زورىيىشقا باشلىدى. يېقىندا ئوباما ھۆكۈمىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلغاندا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى قوللىشى خىتاينى مەڭدىتىپ قويدى. بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كورىيە ۋە ھەتتا ۋيېتنام بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قويۇق بولماقتا.

ئاپتور ماقالىسىدە رەددىيە بەرگەن ئىككىنچى خىل كۆز قاراش بولسا «خىتاينىڭ زور تىجارەت زاپىسى ئۇنىڭ تەسىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا دۆلەت خەزىنىسى ۋە ئۆي -مۈلك تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك 2 تىرىليون دوللار قەرزى بار. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ياۋروپا پاي چەك بازىرىدا 800 مىليارد دوللارلىق ھەسسىسى بار. ئاپتور مۇلاھىزىسىدە، «گەرچە بۇلار خىتايغا ئازراق ئابرۇي قازاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر ئۈستۈنلۈك ئېلىپ كەلمىدى» دېگەن ۋە بۇنىڭغا، بۇ قېتىم ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلىشتا خىتاينىڭ ھېچقانداق بىر رول ئوينىيالمىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئاپتور، خىتاينىڭ ئېكسپورتتا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۈنئىي ھالدا پۇلنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىۋېلىشىنى ئۇنىڭ گېئوپولىتىك كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قىيىنچىلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن :
-ئەگەر خىتاي ئامېرىكىغا قەرز بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇ ھالدا خىتاي ئۆزىنىڭ پۇلىنى ھەرىكەت قىلدۇرىدىغان باشقا بىر يەر تېپىش كېرەك. ئەمما بۇ ئاسان ئەمەس. ياكى بولمىسا ئامېرىكىغا ئېكسپورتنى ئازايتىشى كېرەك. لېكىن بۇمۇ خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيانلىق. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي كرىزىس ئاستىدىكى ياۋروپاغا جىق قەرز بېرىۋەتسە، ئۇ ھالدا ئۇ نۇرغۇن كاپىتالىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

«خىتاينىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى بەش ئەپسانە» ناملىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3-خىل كۆز قاراش بولسا «خىتاي كومپارتىيىسى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراشقا قوشۇلماسلىقىدىكى سەۋەبنى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:
-خىتاي گەرچە تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچىگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىنتېرنېت دۇنياسى بىلەن كۈچ ئېلىشىپ بولالمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى تەقىب قىلىش ئىقتىدارى باشقا ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغان نوپۇسنىڭ غايەت زور بولۇشى ۋە تېخنىكا ئىلغارلىقلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل چەكلىمىلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.

ئۇ خىتايدا ھەرقانداق بىر ۋەقە يۈز بەرسە، تور بەتلەر مۇلاھىزە سەھىپىلىرى ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەر، ۋەقەگە ئائىت ماتېرىيال، رەسىملەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ، «ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، تور بەتنى تاقاپ بولغۇچە ئىشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ» دەپ بايان قىلغان.

ئاپتور ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان 4-خىل كۆز قاراش بولسا «خىتاي رېجىمى ئوتتۇرا ھال تەبىقىدىكىلەرنى سېتىۋالغان» دەيدىغان كۆز قاراش. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، 30 يىللىق تەرەققىيات خىتايدىكى 250 -300 مىڭغىچە بولغان شەھەر خەلقىنى ئوتتۇرا ھال تەبىقىدىكىلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، تاكى 1989-يىلى تيەنەنمېن ۋەقەسى پارتلىغۇچە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغان بۇ تەبىقە سىياسىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلمىغان. ئاپتور مۇلاھىزىسىدە، بۇ ئوتتۇرا تەبىقە كىشىلىرىنى پارتىيىنى قوللىمايدۇ، دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ «سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق بىلەن سادىقلىق ئارىسىدا غايەت زور پەرق» بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ھازىرقى ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھازىر خىتايدىكى تەڭسىزلىككە، چىرىكلىككە ۋە قىممەت ئۆي باھاسى، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ناچار مۇلازىمەت ئېڭىغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر ھۆكۈمەت كىچىككىنە بىر خاتا قەدەم بېسىپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا قىسىم خەلقىنىڭ «ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ» ئەرەب باھارىغا ئوخشاش بىر رادىكال بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇنداقلا «ھۆكۈمەتمۇ بۇنى بىلگەچكە، سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان تەقىبنى ئاشۇرماقتا» دەپ ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە رەددىيە بېرىلگەن ئاخىرقى كۆز قاراش بولسا «خىتاينىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆرلەۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىدىن شەپە يوق». ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراشقا رەددىيە بېرىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاللىقاچان ئاستىلاشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى كەسكىن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارمىغۇچە، بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىغا خىتايدىكى نوپۇس قېرىش ئامىلىنىڭ كۆرسىتىدىغان زور تەسىرى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. ئۇ، ئىقتىسادنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ئۈستىدە توختىلىپ:
-ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى ھازىرقىدەك يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆرلەشكە داۋام قىلدۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن خىتايغا خاس بولغان يۇقىرى تېخنىكا ۋە باھالىق تاۋارلارنى بازارغا سېلىشى كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ئەركىنلىك ۋە زېھنىي ئەركىنلىك كېرەك. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، مەبلەغگە ۋە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىغا تايىنىپ قالغان بىر ئىقتىسادىي مودېلنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئىستېمالنى ئاساس قىلغان بازا ئىقتىسادىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەمما، خەلق ھۆكۈمەتنى كۆزىتىدىغان ۋە ئۇنى تەنقىد قىلالايدىغان بولمىغۇچە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىنى ئازايتمىغۇچە، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.