"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى خۇ پىڭ، "يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، نيۇيوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن خانىم قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بۇ 60 يىلدىن بۇيان، خىتايدا ھۆكۈمەت ۋە پۇقرالار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دۇنياغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتەرگەن كۈچلۈك بىر دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىللاردا خىتايدىكى قانۇنىي ئەخلاق قارىشىنىڭ بارغانچە ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتىزم تەربىيىسى، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق قارىشى، مېتافىزىكىلىق پۇرسەتپەرەسلىك، چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ھالدىكى كىشىلىك ئەخلاق، قانۇن تۇزۇم، كىشىلەرگە بولغان مېھرى - شەپقەت قاتارلىقلارغا يات ھالدىكى شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ۋە ئۆچمەنلىكنى ئاساس قىلغان، بىر قاتار قانۇنسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل قانۇنسىز ئادەم ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش، ھەتتا ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەم پۇقرالىرىنىڭ ئارىسىدا قانۇنىي ئەخلاق قارىشىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى، خىتايدا كىشىلىك ھەق - ھوقۇقنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسى سەۋەب يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىدە، چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغان، شۇڭا خىتاي پۇقرالىرى ھېچقاچان كومپارتىيىگە ئىشەنمەيدۇ، مەسىلەرنى قارام كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، نەتىجىدە شاۋگۈەن ۋەقەسى، 7 - ئىيۇل ھەم 3 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك پاجىئەلىك ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ھەم ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى شۇنداق بولغان ئىكەن، خىتاي پۇقرالىرىدىكى قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال."
خې چىڭليەن خانىم ئۆز سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك مېھرى - مۇھەببەت قارىشىنىڭ ئورنىنى،خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا سىڭدۈرگەن سىنىپىي كۈرەش ئېڭى يەنى، "دۈشمىنىگە قارىتا شەپقەتسىز بولۇش، ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەتتا ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغىمۇ سىنىپىي مەيدانى ئېنىق بولۇش، چەك - چېگرىنى ئېنىق ئايرىش" قاتارلىق قاراشلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى بۈگۈنكىدەك شەپقەتسىز، مېھىرسىز، شەخسىيەتچى قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نورمال ئىنسانىي ئەخلاق قارىشىغا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋەرسە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە ئەخلاق ساپاسى ھەققىدە بىر قەدەر كەڭ توختالدى. ئۇ خىتاي پۇقرالىرىدىكى توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەلىرى ھەم بۇ يىللاردا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ئەخلاق مىزانىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئەزەلدىن قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
"خىتايدا تارىختىن بۇيان قانۇن - تۇزۇم ئاساسىدىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىغان، چۈنكى خىتاي تارىخىدىكى ھۆكۈمرانلار ئۆز ئىرادىسى بويىچە دۆلەتنى باشقۇرۇپ كەلگەن، ئۇلار قۇرغان ھاكىمىيەتلەرمۇ ئەسلىدىكى ھۆكۈمەتنى جەمئىيەتتىكى زوراۋان كۈچلەر ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىش ئاساسىدا قۇرۇلغان، پۇقرالاردا قانۇن مۇقەددەس دېگەن ئاڭ ئەزەلدىن بولمىغان، بەلكى جەمئىيەتتىكى قارا جەمئىيەت كۈچلىرى، قاراقچىلار، مىلىتارىست ھۆكۈمرانلار ئۆز زوراۋانلىقىغا تايىنىپ پۇقرالارنى باشقۇرۇپ كەلگەن، بۇنداق بولغاندىن كېيىن پۇقرالاردا 'كىم كۈچلۈك بولسا شۇ ھۆكۈمران بولىدۇ' دەيدىغان قاراش تەبىئىي شەكىللەنگەن."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتىزم تەربىيىسى، مېتافىزىكىلىق پۇرسەتپەرەسلىك، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى زەھەرلەپ ئۇلارنى قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان، شەخسىيەتچى، مەنمەنچى، ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن ھېچنېمىدىن يانمايدىغان قىلىپ قويغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىق قىلىۋاتقان دىنسىزلىق،چوڭ مىللەتچىلىك، ماتېرىيالىزمنى ئاساس قىلغان مېتافىزىكىلىق پۇرسەتپەرەسلىك، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي پۇقرالىرىنى خۇدادىن قورقمايدىغان زوراۋانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. دىنىي ئېتىقادنىڭ رولى كىشىلەرگە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى باشقۇرىدىغان، گۇناھلىق ئىشلاردىن قول تارتىدىغان، قانۇنغا بويسۇنىدىغان، ئۆز - ئارا رەھىم - شەپقەتنى ئۆگىتىشتۇر، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ھەر قانداق دىنىي ئېتىقادنى چەكلەۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەخلاق قارىشى بارغانچە تۆۋەنلەپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن ھېچنېمىدىن يانمايدىغان قانۇنسىز قىلمىشلار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەخلاق ساپاسى ھەم قانۇن قارىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى China Town يەنى خىتاي شەھەرچىلىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، پۈتۈن قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ خىتاي شەھەرچىلىرىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ يەردە سىز خىتاي پۇقرالىرىدىن تەشكىللىگەن قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىنى كۆرىسىز،ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ. ھازىر چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا، خوڭكوڭدىن، تەيۋەندىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن پۇقرالارنى ئۆز - ئارا سېلىشتۇرۇپ باھالاش خاھىشى بارغانچە كۈچەيدى، سەۋەبى بۇ 20 يىلدىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي شەھەرچىلىرىدىكى قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى. باشقىلار ئۇچۇن ئەڭ ئاددىي بولغان قانۇنىي ئەخلاق قاراشلىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن پۇقرالاردا يوق، ئۆچىرەتتە تۇرۇش، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىغا چىقىش، رېستوران، مېھمانخانىلاردا ئاۋازلىق گەپ قىلماسلىق، كۆرۈنگەن جايغا تۈكۈرمەسلىك قاتارلىق ئادەتتىكى ئەخلاق ئۆلچىمىدىن شىركەتلەر ئارا سودا مۇناسىۋىتى، تاۋارنىڭ سۈپىتى قاتارلىق چوڭ ئىشلارغىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى قانۇندىن يوچۇق ئىزدەيدۇ، سودا - سېتىقتا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، ساختا ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدۇ، خىتاي سودىگەرلىرى ئارىسىدىمۇ ئەركىن رىقابەتنىڭ ئورنىنى 'يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم' دەيدىغان شەپقەتسىزلىك ئاساسىدىكى كۈرەش، بىر - بىرىگە ئورا كولاش، سودىدا، ئوقۇشتا ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي مىللىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى تۆكۈۋاتىدۇ."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى بۇ خىل قانۇن،ئەخلاق قارىشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك، ھازىر چەتئەللىكلەر خىتايلارنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىگىمۇ ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"چەتئەللەردىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نەنجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە پۇقرالار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى ئۇچۇن بۈگۈنكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلىتى ۋە خەلقىدىن ئەپۇ سوراش كېرەك، دېگەن تەلەپنى قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھەقلىق تەلەپ، لېكىن بۇ كىشىلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى ھەر خىل ھەرىكەتلەردە قانچىلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، مەسىلەن، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىنى قورشاپ، نەچچە يۈزمىڭلىغان شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ئاچ قېلىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۇچۇن جاۋاب بېرىشنى ھەم باشقا ھەرىكەتلەردە بىگۇناھ ئۆلگەن خەلق ئۇچۇن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلمىدى. ئۆز ئىچىدىكى قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا تۈزىتىش ئېلىپ بارمىغان ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ تەلىپىنى چەتئەللىكلەر ئەلۋەتتە قوبۇل قىلمايدۇ - دە."
نۆۋەتتە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى باھا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋۋال ھۆكۈمەت ئىچىدە قانۇننىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قەدىر - قىممىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىنىدىلا ئاندىن خىتاي پۇقرالىرىدا قانۇن - ئەخلاق ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
