ئىلشات: خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى خىتاينىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلىدى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش بىلەن تەڭ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ سەۋەب نەتىجىلىرى ھەققىدىكى بۇرمىلانغان مەقسەتلىك تەشۋىقاتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

15 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيىسىدە، " 5 - ئىيۇلنىڭ باش ‏- ئاخىرى" دەپ تېما قويۇلغان يېرىم سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. مەزكۇر فىلىمدىكى ساختا كۆرۈنۈش ھەم ئويدۇرما، ئاساسسىز ۋەقەلىكلەر تېز ئارىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا ھەم كۈچلۈك تەنقىدلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

فىلىمدا ئىسمى ئاتالغان شەخسلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ئېلشات ئەپەندى، بوشۈن تور بېتىدە خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسىنىڭ مەزكۇر فىلىمدىكى ساختىلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ ئوبزور ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ئېلشات ئەپەندى تەرىپىدىن بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسى 15 - ئۆكتەبىر تارقاتقان " 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باش ‏- ئاخىرى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمگە رەددىيە بېرىلگەن ئوبزوردا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشتە قوللانغان ساختىلىقلىرى ئېچىپ بېرىلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن يەتمەكچى بولغان مەقسىتى كىنايىلىك تەنقىدلەر بىلەن ئاشكارىلاپ كۆرسىتىلگەن.

ئوبزور مۇنداق باشلىنىدۇ: " ئىلگىرى بىر سۈت ساتقۇچى بولغان ئىكەن، ئۇ سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ساتقاشقا، خېرىدارلار داۋاملىق نارازى بولىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن سۈت سېتىۋالغان بىر خېرىدار، سۈتچىگە ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا ' مۇشۇمۇ سۈت بولدىمۇ ؟ سېنىڭ ساتقىنىڭ سۇمۇ ياكى سۈتمۇ؟' دەپ راسا كايىپتۇ، سۈتچى بولسا، ' ھە كەچۈرۈڭ، مەن بۈگۈن سۇغا سۈت قوشۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن' ئەمەسمۇ،" دەپتۇ.

ئېلشات ئەپەندى بۇ كىنايىلىك ئوخشىتىش ئارقىلىق، خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى قىپ - قىزىل يالغانچىلىق دەپ قاتتىق رەددىيە بەرگەن.

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك زۇۋانى بولغان مەركىزى تېلىۋىزىيىسىدىن ئىبارەت بىر دۆلەتلىك باش تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئىسپاتسىز، پاكىتسىز، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىشلەپ تارقاتقان 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى قارىلاش نىيىتى ئاشكارىلانغان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمى، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە مۇلاھىزە تور بەتلىرىگە چاپلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ بىردەك قارشى ئىنكاسى ۋە كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە ئۇچرىماقتا.

ئۇنداقتا، ئىلشات ئەپەندىنى مەزكۇر فىلىمگە قارشى قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلغان ئامىللار قايسى؟ بۇ ھەقتە ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.