ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" ئەل رىياد گېزىتى خەلقئارادا تونۇلغان چوڭ بىر شىركەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى مەشھۇر بىر يېمەك - ئىچمەكلەر دۇكىنىدا خىتاينىڭ چەكلەنگەن سۈت پاراشوكىنى بايقىدى. خىتاينىڭ سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى دۇنياغا يېيىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان سۈت پاراشوكلىرىنى بازارلاردىن چەكلەش ھەققىدە قارار چىقىرىشى ئارقىسىدا، تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىدا خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ، خۇسۇسەن خىتايدا ئىشلەنگەن ياكى بىرەر ماددىسى خىتايدىن كەلتۈرۈلۈپ ياسالغان بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭمۇ قەتئىي يوقلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى."
سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى رۇخسەت بەرمىگەن
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىدا خىتاينىڭ سۈت پاراشوكلىرى بايقالغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى ئۆزىنىڭ بۇنداق سۈت پاراشوكىنىڭ بازارلارغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن مەزكۇر مىنىستىرلىك ھازىرغىچە خىتاينىڭ چەكلەنگەن سۈت پاراشوكىنى پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى بازارلىرىدىن تازىلاش ھەققىدە كەسكىن ئەمر چۈشۈرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ زەھەرلىك دېيىلگەن بۇ سۈت پاراشوكىنىڭ خەتىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن."
خىتايدىن كېلىدىغان يېمەك - ئىچمەكلەر ئالاھىدە قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" سەئۇدى ئەرەبىستان سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى مۇندىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ ۋە ھەر قانداق سۈتلەرنىڭ، خۇسۇسەن سۈت پاراشوكىنىڭ ' مېلامىن' دەپ ئاتالغان زەھەرلىك ماددىدىن سالامەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى قاتتىق چىڭىتىش، خىتاينىڭ سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى بىلەن تونۇلغان مەزكۇر شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى بازارلىرىغا قەتئىي ئېلىپ كەلمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارغان ئىدى."