مەزكۇر ئورگان پەيشەنبە كۈنى 2008 - يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي - ئامېرىكا سودا - ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرىگە دائىر مۆلچىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى شېرىك بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يەنە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى رىقابەتچىلەر ئىكەنلىكىدە ئىدى.
يۇقىرىقى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى ھەر يىلى دوكلات تەييارلاپ، خىتاي - ئامېرىكا سودا ئىقتىسادى ئالاقىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش، مۆلچەرلەش ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەم دۆلەت مەجلىسىگە پىكىر ۋە مەسلىھەت بېرىشتۇر.
مەزكۇر ئورگان پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ يىلقى دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى پاسسىپ بالانىسى، خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپولىيە قىلىش، ئالەم بوشلۇقى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسى، قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىشى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، خىتاي مىللىي مەبلىغى، مۇھىت، ئېكسپورت مەھسۇلاتلار بىخەتەرلىكى، خەلقئارا قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەۋسىيەلەرنى بەرگەن.
دوكلاتنىڭ خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر قىسىمىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ بالانىسى ئۈزلۈكسىز چوڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىدە ھۆكۈمەت مونوپولىيىسىنىڭ يەنىلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئادالەتسىز سودا چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتايدىكى سودا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ توسالغۇلار"چەتئەل پۇل - مۇئامىلە ئاخبارات مۇلازىمىتى، كىتاب، فىلىملەرگە چەكلىمە قويۇش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى يېتەرسىزلىك، مەھسۇلاتلارغا ياردەم پۇلى بېرىش، نازارەتچىلىكنىڭ مۈجىمەللىكى، چەتئەللەر بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۆز كارخانىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا يان بېسىش، ئېكسپورتنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىمپورتنى چەكلەش، چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدا كارخانىغا ئىگە بولۇشى، مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادى پائالىيەتلەردە ئۆز رولىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غەرىزى، ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى، بازار مۇقىملىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئېنىقسىز بولۇپ، بۇ ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا خىزمەت قىلىدىغان ساھەلەرگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتنىڭ كەڭ-كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى چەكلەش مەسىلىسىگە دائىر قىسىمىدا خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىدە مەلۇم ئىلگىرىلەش ياسىغانلىقىغا قارىماي، خىتاينىڭ يەنىلا باشقىلارغا يادرو تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكىدا ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى، " مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ يادرو تېخنىكا سودىسى ياكى يادرو ئېنىرگىيە تېخنىكىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش يادرو قوراللار ھۈنەر سەنئىتى، يادرو تېخنىكىسى ۋە يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ ئومۇملىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ " دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تونۇشىنىڭ خەلقئارا قائىدە - نىزاملارغا زىتلىقىنى، بۇ خەلقئارا قائىدە - نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۆز زېمىنى ئۈستىدىكى ئالەم بوشلۇقىنى ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، دېڭىز ساھىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىنى 200 مىلغا چىقىرىش خىيالى بارلىقى، ئەگەر خىتاي بۇ پىلاننى يولغا قويسا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى، چۈنكى يەر شارى ئىقتىسادى دېڭىز ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ئەركىن پائالىيەت قىلىش پرىنسىپىغا تايىنىدىغانلىقىنى، لېكىن "خىتاي 'شېرىن ئاي مۇناسىۋىتى' ۋە دۆلەت كۈچىنى قوللىنىپ، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقى تەبىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئىقتىدارى مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە كېلىدىغان تەھدىت كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى "ئۇنىڭ غەربىي ھەم جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىگەن."
ئامېرىكا دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان دۆلەتتۇر. دوكلاتتا بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينى ئامېرىكىغا قارشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى، " توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئامېرىكىنىڭ مۇنتىزىم كۈچ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئاجىزلىشىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەكلىپ - پىكىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تەكلىپ - پىكىرلەر خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىلىرىگە رىئايە قىلىشقا ئۈندەيدىغان رادىكال تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپولىيە قىلىشىغا قارشى قانۇن چىقىرىش، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەبلىغىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ ئاخبارات ماناپولىيىسى ۋە "شىرىن ئاي مۇناسىۋىتى" نى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەم ھەربىي ھەرىكىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشىغا ھۇشيار تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.