ئامېرىكا، كانادا ۋە دۇنيادىكى ئىسلام مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلار، ئاتاقلىق دىنىي شەخىسلەر ۋە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بۇ يىغىننىڭ باش تېمىسى تېررورچىلىق رېئاللىقمۇ ياكى توقۇلمىمۇ،دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولدى.
1000 غا يېقىن ئادەم ئىشتىراك قىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم قاتناشتى ۋە ئۇلار ئالاھىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
رۇقىيە خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور ئۇقۇمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كېيگۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى . رۇقىيە خانىمنىڭ سۆزلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.