ياڭ جيەنلى: " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئىسپاتلىدى"
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.08
2010.07.08
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ئامېرىكىدىكى "پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى" نىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلاش سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى.
"ھازىر كىشىلەر " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلاش سەۋەبىنى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر 26 - ئىيۇن كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن، خىتاي ئىشچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىدىن پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى دەپ قاراشماقتا. ئەمما، مەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ پارتلاش سەۋەبى كۆپ خىل ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ، ئېتىقاد، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، تىل جەھەتلەردىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى؛ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا يۆتكەپ كېلىپ، بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنىڭ تارىيىپ كېتىشى؛ شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشى؛ رايوندىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى، بارغانچە نامراتلىشىشى، ھوقۇقسىزلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، بۇ يىللاردا ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى." 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" بولسا پەقەت ئوت پىلتىسى بولۇش رولىنىلا ئوينىدى خالاس!".
ياڭ جيەنلى ئەپەندى "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى.
"بۇلتۇر 26 - ئىيۇن كۈنى زاۋۇتتىكى چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئىشچىلار، ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن، زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارغا تاياق - توقماق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، يارىلىنىش ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي ئىشچىلار پەقەت تور بەتتە ئېلان قىلىنغان " ئىككى نەپەر خىتاي قىزى زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىدى" دېگەن ساختا خەۋەر سەۋەبىدىنلا تاياق - توقماقلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنداق ئىشلار ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ئەمەلىيەتكە قاراپ باقايلى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى سەۋەبىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنى ئالدامچى، ئوغرى، يانچۇقچى، ھەتتا تېررورىست سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ، خىتاي مىللىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. شۇڭا ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ‘شاۋگۈەن ۋەقەسى’گە ئوخشاش ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە."
ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىلدىن بۇيان تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ھەم موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيىسى ھەم بۇ مىللەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ خىل مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
" شەرقىي تۈركىستان يەنى خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان بۇ زىمىندە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھىچقاچان ھەقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىپ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا بۇ مىللەتلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ مىللىي ھېس تۇيغۇسىنى چەكلەش ھەتتا يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. نامدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردۇق، دېگەن بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ھېچقاچان ئىجرا قىلغىنى يوق ھەم بۇ مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى رايونغا ئەمەلدار بەلگىلەشتە، بۇ مىللەتلەرگە ھەتتا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارىدەك ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھوقۇقىنىمۇ بەرگىنى يوق. نامدا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بۇ مىللەتلەردىن ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ھوقۇق ھەر ۋاقىت پارتكوم سېكرىتارىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. ھەرقايسى ئىدارە - ئورگان، مەكتەپ، يېزا كەنتلەردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش. كومپارتىيە بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن "جۇڭخۇئا مىللەتلىرى بىرلىكى" ئىدىيىسىنى مەجبۇرى تېڭىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنىي ئېتىقاد، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، تىل قاتارلىقلارنى چەكلەپ كەلدى. 60 يىلدىن بۇيان خىتاي مائارىپىنى مەجبۇرى تېڭىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي مائارىپىنىمۇ سىقىپ چىقاردى. مانا ھازىر مانجۇلار، موڭغۇللار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا يۈزلەنمەكتە. يەنە بىر جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق جايلارغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ بۇ رايوندىكى خەلقنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى چېكىگە يەتتى. يەنى، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مىللىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى " "مىللىي بۆلگۈنچى" دەپ باستۇرغان بولسا ھازىر "تېررورىست" دېگەن نام بىلەن ئاتاپ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ باردى. مانا مۇشۇ خىل ئەمەلىيەت رايوندىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىگە بولغان ئىشەنمەسلىكى ھەم ھەقىقىي مىللىي باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتماقتا".
ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندا قوللانغان ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ھەم بۇ يىل 5 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان " شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ھەققىدە توختالدى.
"ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ‘قانخور ئەمەلدار’، خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ‘پارىخور ئەمەلدار’ دەپ ئاتالغان ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قانداقتۇر ‘ ئىدىيىسى ئوچۇق’، ‘يۇمشاق سىياسەت قوللىنىدۇ’ دېگەن نام بىلەن پەدەزلەنگەن جاڭ چۈنشىئەننى چىقىرىپ، رايوندىكى زىددىيەتنى پەسەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ئۆزگەرمىدى. ھازىر [‘ شىنجاڭغا ياردەم’ نامى بىلەن 19 ئۆلكىدىن رايونغا كەلگەن شىركەتلەر ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، رايوندىكى بايلىقلارنى ئېچىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى. بەلكىم بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئازراق يۈكسىلىش بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇرلار يەنىلا ھەقىقىي مىللىي باراۋەرلىك سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ."
ياڭ جيەنلى ئەپەندى نۆۋەتتىكى شارائىتتا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نىشانىغا يېتىشتە خىتايلارنى ئاچقۇچ دېسەك بولىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىلا بولىدىكەن ئۇلار ھېچقاچان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇقى بەرمەيدۇ. چۈنكى، كوممۇنىست ھۆكۈمەت ھازىر خىتاي مىللىتىنىڭ ئۆزىدىن چىقىۋاتقان دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىمۇ قانلىق باستۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر چەتئەللەردىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خىتايلار ئارىسىدىمۇ ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى، بۇ مىللەتلەرنىڭ دەردلىرىنى پۈتۈن خىتاي مىللىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىشى كېرەك. ھەر مىللەت خەلقى بىرلىشىپ ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشقاندىلا ئاندىن بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى گە شارائىت يارىتىلىدۇ دەپ قارايمەن."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.