بولۇپمۇ 3 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن گو باۋسىڭ، خۇ پىڭ، ياڭ جەنلى، تاڭ بوچياۋ، جۇ چېن قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ھازىر بۇ ئىمزالىق خەتكە ئىمزا قويغان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ سانى 400 دىن ئاشتى.
گو باۋسىڭ بىلەن تاڭ بوچياۋ يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى ۋە 2 -، 3 - سېنتەبىردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ،" ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ باش جىنايەتكارى ھەم جاۋابكارى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى. بۇ ۋەقەلەر، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتى ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ئاۋام پۇقرانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر يانار تاغ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتى مەملىكەت مىقياسىدا ئىنتايىن كەسكىن ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار مەسىلىلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشىدىكى ئوت پىلتىسى بولۇپ قالىدىكەن.
گو باۋسىڭ قاتارلىقلار ئېلان قىلغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان ئوچۇق خەتتە، "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قانداقتۇر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم رابىيە قادىرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان بىر قېتىملىق پىلانلىق ھەرىكەت، دەپ چەتئەللەردىكى كۈچلەرگە دۆڭگەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك سىياسىتى يەنى، ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت 'غەربنى ئېچىش سىياسىتى'نى يولغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا ئېلىپ كېتىپ، يەرلىك خەلقنى بۇ بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا يول قويماسلىقى، ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى، پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ بارغانچە نامراتلىشىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققانلىقىنى يوشۇرماقچى بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باراۋەرلىك ۋە ئادىل سىياسەت تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەققانىي ھەرىكەت ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقيقانىي تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەتنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ھازىر يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۈگۈنكىدەك كەسكىن ھالەتكە كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا نۆۋەتتە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن بولۇشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دېموكراتلىرىدىن "يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، نيۇيوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې چىڭلىيەن خانىم قاتارلىقلارمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ خىل قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە بۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ قەدەر جىددىيلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ يىللاردا مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ، سىياسىي جەھەتتىن يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنى قانلىق باستۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ بايلىق توپلاپ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكتە چېكىگە يەتكەنلىكى سەۋەبلىك خەلقنىڭ بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
خۇپىڭ ئەپەندى ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ پەسەيمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى خالىغانچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنىڭ تارىيىپ كېتىشى، ياش ئۇيغۇر قىز، ئوغۇللىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئېتىقاد، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى مائارىپىنى دەسسىتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە رادىئو - تېلېۋىزورلىرىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار سەلبىي تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنلا ئېزىلىپ قالماستىن، بەلكى خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىلىپ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقتىن ھالقىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ نارازىلىقنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىككە ئايلانغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتماللىشىپ، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا دەز كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خې چىڭلىيەن خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۆز سەۋەنلىكلىرىنى ئۈستىگە ئالماي، ھازىرقىدەك ئىچكى جەھەتتىن باستۇرۇش، سىرتقا نىسبەتەن بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىش، خەلق رايىغا باقماي، مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى قانداقتۇر چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قاچىدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلىشىنىڭ شۇنچە تېز بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئېلان قىلغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان ئوچۇق خەتتنىڭ ئاخىرىدا، تاڭ بوچياۋ پىكىر بايان قىلىپ، "ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقىدەك قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ بىردىن - بىر يولى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى پارچىلاپ تاشلاش، ئالدى بىلەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى دېموكراتىيىلىك قانۇن تۈزۈم بەرپا قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدىكى يېڭى دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچۈش،" دەپ كۆرسەتتى.