چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر يىغىن ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەقەت ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەنلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇلتۇر 12 - ئايدا بايانات بېرىپ، بۇ يىل 5 - ئاي مەزگىلىدە، "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭدا 17 - مايدىن 19 - مايغىچە "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"نى ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان مەخسۇس يىغىن ئىكەن. بۇ قېتىملىق يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۈزلۈكسىز تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان "غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، 3 خىل كۈچلەرنىڭ رايوندىكى بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش" شوئارىدىن پەرقلىق ھالدا، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش" شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا يەنە، رايوندىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، 82 شەھەر، ناھىيە ۋە "ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش" ئارمىيىسىنىڭ 12 دېۋىزىيىسىگە قارىتا، 19 ئۆلكە -شەھەر "نىشانلىق ياردەم بېرىش" تەشەببۇسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"نىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ئېچىلغانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېچىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار مۇدىرى ئىلشات ئەپەندى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇلتۇر 5 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىش" تەشەببۇسىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقلىرىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينى ئالدامچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى.
ئىلشات ئەپەندى، يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى تاشقى دۇنيادىن پىنھان تۇتۇشى، شۇنداقلا يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان، تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرى بۇنداق يىغىننى ئېچىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش" تەشەببۇسىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇزۇندىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىگە ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
ئىلشات ئەپەندى يەنە، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان رايوندىكى 12 ئوبلاست ۋىلايەت، 82 ناھىيە شەھەر ھەم "ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش" ئارمىيىسىنىڭ 12 دېۋىزىيىسىگە قارىتا، 19 ئۆلكە - شەھەر "نىشانلىق ياردەم بېرىش" ھەم "قەشقەرنى غەربتىكى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش" تەشەببۇسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەردىن پەرقسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، رايونغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش، رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ قېتىملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان، "رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش" نىشانىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى، ھەم رايونغا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەننىڭ رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆزىتىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.