ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىنكاس: 'دائىرىلەر 4 نى ئېنىقلاش ئارقىلىق بىزنى قورقۇتۇۋاتىدۇ ئەمما بىز پەرۋاسىز'

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش" خىزمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "4 نى ئېنىقلاش ھەرىكىتى" ۋە كۈندىن - كۈنگە كۆپەيتىلىۋاتقان ساقچى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلار پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالغان.

0:00 / 0:00

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ 15 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا، "بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە، بۇ خىزمەتكە تەيىنلەنگەن كادىرلار ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ھەممىنى چۈشىنىش، ھەممىنى تەكشۈرۈش، ھەممىنى ئېنىقلاش، ھەممىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى 100%كە يەتكۈزۈش" تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يېزا كادىرى، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمى كونكرېت بەلگىلەنگەنلىكىنى، يېزىلاردا كەنت مەھەللە كوچىلار بويىچە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى"گە مەسئۇل بولغان كادىرلارغا تەقسىم قىلىنىپ، بۇ كادىرلارغا دېھقانلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يېزا كادىرى يەنە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، ئىلگىرى سىياسىي خاتالىقلار بىلەن جازالانغانلار، تۈرمىدە يېتىپ چىققانلار، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئوخشاش ۋەقەلەرگە قاتناشقانلار ھەم ياقا يۇرتلاردا ئۇرۇق - تۇغقان بالىلىرى بارلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدىن يازما خاتىرە قالدۇرۇلۇپ، بۇلار ئارخىپ شەكلىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ساقلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىككى ئوغلى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 يىللىق ھەم 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ شۇ يېزىدىكى ھۆكۈمەت دىققەت قىلىدىغان ئالاھىدە ئائىلىلەردىن بولغىنى ئۈچۈن، يېزىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ئەمما ھازىرچە "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" گە مەسئۇل كادىرلارنىڭ تېخى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پېنسىيىگە چىققان مەلۇم بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" نىڭ بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنلا باشلانغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئىشقا تەقسىم قىلىنغان يېزا كادىرلىرىنىڭ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە تارىخىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، شۇ ئائىلىدىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ يىراقتىكى ئۇرۇق -تۇغقانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، جەدۋەل تولدۇرۇپ، رەتلەنگەن ماتېرىياللارنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان ئىنكاسىنىڭ قانداقلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، ھازىر دېھقانلارنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ۋەزىيەت بارغانچە چىڭىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر قاتتىق جازالانغىنى ئۈچۈن، ھازىر كىشىلەردە ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقانداق ھەرىكەتكە نىسبەتەن پەرۋاسىز بولۇۋېلىش خاھىشى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، نۆۋەتتىكى قاتتىق نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتكە بولغان پەرۋاسىز ھالىتىنى ئىپادىلەپ سۆزىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

"شۇنداق ھازىر ئەسلىدىكى كىنىشكىسى بار ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، ساقچىخانىلار كۈچەيتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەلق ئەسكەرلىرى دەپ ئاتالغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە قورال تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى كوچا - كوي، مەھەللىلەرنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر كېچە سائەت 9 - دىن كېيىن، ساقچى ماشىنىلىرى سىگنال بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلايمىز دەپ كېچىچە چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ ئىشلارغا پەرۋاسىز بولۇۋالدۇق. ھۆكۈمەت مۇقىملىقنى ساقلايمىز دەپ ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش، بىزمۇ بۇ ئىشلارغا پەرۋاسىز!"

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.