ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 'جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى'نى قوبۇل قىلامدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان، "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەيلى" دەپ تەشۋىق قىلماقتا ۋە بۇ شوئارىغا ماس ھالدا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى جەمئىيىتىدە "بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى" دېگەندەك سۈنئىي پائالىيەتلەر بىلەن خىتاي بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئايرىلالماسلىق تەربىيىسىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈپ تەشۋىق قىلماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى" تەربىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە ئېيتقانداOpens in new window ]

، پۈتۈن خىتايدىكى 56 مىللەت تارىختىن بۇيان قان قېرىنداش، بىرىگە تايىنىپ ياشاپ كەلگەن..." ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبى قىسمىمۇ؟ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئۇنى ئېتىراپ قىلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

نۆۋەتتە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەزكۇر سوئالغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى،ئۆتكەن يىلى ‏5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن يەنىمۇ بىر بالداق ئەۋج ئالدى. بۇ نىڭ ئىپادىلىرىنى بىز، خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئوقۇشلۇقىنى مەكتەپلەردە رەسمىي دەرس قىلىپ بېكىتىشى، بارلىق ساھەلەر ۋە جەمئىيەتتە " بىز بىر ئائىلە " دېگەندەك يېڭى ئىشلەنگەن سىياسىي ناخشىلارنى ھەر بىر ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ يادا بىلىشىنى شەرت قىلىپ،ساھەلەر بويىچە خور قىلىپ ئېيتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە يولغا قويۇشى، كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەر ئائىلىلەرگىچە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگىلىشى قاتارلىقلاردىن كۆرەلەيمىز.

ئىلگىرى خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىدە "خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ‏- ئارا ئايرىلالمايدۇ" دېگەندىن ئىبارەت ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە " جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى" تەربىيىسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. 12 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ گېزىتىنىڭ باش ماقالىسى سۈپىتىدە " جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتەيلى " تېمىلىق ماقالە ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدە " ھازىر جۇڭگودا 56 مىللەت ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللەت نامى بولغاندىن باشقا يەنە جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن ئورتاق نامىمۇ بار... ئۇ 56 مىللەتنىڭ قان قېرىنداشلىقى، بىر ‏- بىرىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە " دەپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى زور پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ جەمئىيەتتە جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

"جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى "دىن ئىبارەت ئاتالغۇنىڭ يەشمىسى ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن " جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ‏- جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە بولۇش ئېڭى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تەرەققىياتى، ئامانلىقى، مەنپەئەتى قاتارلىقلارنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى يەنى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا خىتايچە تىل دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا يېقىندىن بۇيان "مەملىكەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىل" دېدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتە خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك دېگەن سەپسەتىنىڭ ئورنىغا "بارلىق مىللەتلەر مەملىكەتتىكى ئاساسىي ئېقىمدىكى مىللەت مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ماسلىشىشى كېرەك " دېگەندەك سەپسەتىلەرنى قوللاندى. نۆۋەتتە جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن بۇ ئابىستراكىتنى ئۇقۇمدا كۆرسىتىلگەن ئاساسلىق مىللەت گەۋدىسىنىڭ يەنىلا خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئاشكارا.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى بولغان تىلى، دىنى ھەم مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنىڭ بارغانچە ئۆتكۈرلۈشىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتە ھوشيار بولۇشقا چاقىرماقتا.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكىدەك يەنى ئۆزى دەۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى تەرەققىيات تارىخىي پۇرسەت ۋە خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۇ پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ئىدىيىسى تەشۋىقاتىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى ھەم مەقسىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمىمۇ ؟ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى قوبۇل قىلامدۇ؟

بۇ سوئاللارغا قارىتا گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى، خىتاينىڭ "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى" دىن ئىبارەت بۇ خىل سىياسىتىنىڭ يېڭى ئۇقۇم ئەمەسلىكىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن يەشتى ۋە "خىتاينىڭ تارىخقا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بۇ سەپسەتىسى ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.