"بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا"

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى' دە 6 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى 'بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا' ماۋزۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بۇ دوكلاتنى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئەبرس سېلېيتىن ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يېزىپ چىققان. بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىمۇ ئاڭلاتتى.

0:00 / 0:00

8 ‏ - ئايدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ چەتكە قېقىلىشقا باشلىدى

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان 'بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا' ماۋزۇلۇق دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 8 ‏ - ئايدا شىنجاڭدا ئۈچ قېتىم قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ چەتكە قېقىلىشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلار كەڭچىلىككە ئېرىشەلمىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى، ئۇيغۇر رېستورانلىرى تىجارەت قىلىشقا مەجبۇرلاندى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇشىمۇ چەكلەندى.

شىنجاڭدا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر غەرب مائارىپچىسى مۇخبىرغا 'بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن شۇئار ئاستىدا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندۈلۈك دىنىي تۇرمۇشىغا چەكلىمە قويدى. بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايونلار ئارا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ دىنىي شەكلىدە پارتلاپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەگەر شىنجاڭدىمۇ مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش مۆتىدىللىقتىن رادىكاللىققا قاراپ ماڭسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىش قېيىن' دېگەن.

بۇ رايوندا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن باشقا ھېچكىم 'بۆلگۈنچى' دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايدۇ

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا' 'ماۋزۇلۇق دوكلات، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 8 ‏ - ئايدا قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۇدا ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمنى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن، خەلقئارا تېررورلۇققا چاتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ قېتىملىق ۋەقەنىڭ نىشانى بىۋاستە بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى سىمۋوللۇق ئورگانلىرىغا قارىتىلغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مەلۇم بىر ياشانغان ئۇيغۇر مۇخبىرغا 'بۇ رايوندا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن باشقا ھېچكىم بۆلگۈنچى دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايدۇ' دېگەن. مەلۇم بىر ياش ئۇيغۇر مۇخبىرغا 'بىزدىن كىمكى ئازراق كاپىتالغا ئىگە بولۇپ كۈچلىنىپ قالسا، ھۆكۈمەت دەرھال ئۇنى تۇتىدۇ' دېگەن. شۇنداقلا يەنە، 'بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىگە قوشۇلۇشىنى خالىمايدۇ، دەيدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىزنى قىلچە ھۆرمەتلىمەيدۇ. ئۇلار بۇ رايوندا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى قامال قىلىۋالدى" دەپ چۈشەندۈرگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، قەشقەردە بېيىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يىل 6 ‏ - ئايدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 'خىيانەت قىلغان'، 'پارا يېگەن'، 'بۆلگۈنچىلەرنى قوللىغان' دېگەن بەدنام بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەباتلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى، خەلق بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئەسلىدە نوپۇسنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھازىر 'ئاز سانلىق مىللەت'

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان 'بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا' ماۋزۇلۇق دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار 20 ‏ - ئەسرنىڭ 50 ‏ - يىللىرىدا بۇ رايوندا نوپۇسنىڭ 90% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆز زېمىنىدا 'ئاز سانلىق مىللەت'كە ئايلىنىپ قالدى. بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايچە تىلدا ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي رايونلىرىغا يۆتكەپ كېتىشتىن ئىبارەت بولماقتا.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ رايوننى ياخشى چۈشىنىدىغان ۋىگافېن ئىسىملىك بىر خىتايشۇناس مۇتەخەسسىس مۇخبىرغا 'بېيجىڭنىڭ بۇنداق سىياسىتى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەقەت يا نامراتلىقتا ياشاپ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش، يا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى تاشلاپ باي بولۇشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول قالدى. گەرچە ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم بوشلۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ بوشلۇق پەقەت سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ سىرتىدا، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنىڭ قاتتىق چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا،" دېگەن.

بۇ رايونغا يەرلىشىۋالغان خىتايلار ھازىر ئەسلىدىكى زېمىن ئىگىلىرىنى 'مەينەتلەر' دەيدىغان بولۇۋالدى

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان 'بېيجىڭ تاقىۋالغان يېڭى چېگرا' ماۋزۇلۇق دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ رايوندىكى شەھەرلەردە ھازىر خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار مۇتلەق باردى - كەلدى قىلمايدۇ. ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزلىرى سودا قىلىدىغان دۇكانلىرى ۋە يېمەك يەيدىغان رېستورانلىرى بار.

ھۆكۈمەتنىڭ بانكىلىرىدا ۋە چوڭ سودا سارايلىرىدا، خىتايلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇيغۇرلاردىن ئېھتىيات قىلغان ئالامەتلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھازىر بۇ رايونغا يېڭىدىن كېلىپ يەرلىشىۋالغان خىتايلار ئەسلىدىكى زېمىن ئىگىلىرىنى 'مەينەتلەر' دەيدىغان بولۇۋالدى. ھەتتا خىتاي تاكسىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى رەت قىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئەسلەپ كۆرۈشىچە، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا كېلىۋالغان خىتايلارنى 'مەينەتلەر' دەپ ئاتايتتى.