خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەنقىدلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ نۆۋەتتە ئېغىر كەمسىتىلىش ھەم يەكلىنىشكە ئۇچراپ، تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەريەمبۈۋى خانىم ۋە ئابدۇسەمەت ئەپەندىلەر ئىككى ئوغلى سىياسىي جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەريەمبۈۋى خانىم ئوغۇللىرىنىڭ گەنسۇ ۋە نىڭشا ئۆلكىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلار ھەم سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ساتقىنى ئۈچۈنلا، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىپ، 2009-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئايرىم ئايرىم ھالدا 10 يىللىق ھەم 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەريەمبۈۋى خانىم ھازىر 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلى جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بۇ ئائىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مەريەمبۈۋى خانىمنىڭ ھەر ئايدا ئالىدىغان ئازغىنا پېنسىيە مائاشى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
مەريەمبۈۋى خانىم ئۆز بايانىدا يەنە، دىنىي كىتاب سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئوغۇللىرىدىن 2 ئوغلى تۈرمىگە تاشلىنىپ، يەنە بىر ئوغلى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت ئەپەندىنى كىچىك ئوغلىنى تېپىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ھەتتا ئابدۇسەمەت ئەپەندىنى قانۇنسىز ھالدا 40 كۈن سولاپ قويغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ جەرياندا ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇسەمەت ئەپەندى ئوغۇللىرى تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا، تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، ئۆزىنىڭ كەچمىشىنى بايان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىدا ئۇنى بالىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋاب بېرىشكە ھەم كىچىك ئوغلىنى تېپىپ بېرىشكە قىستىغانلىقىنى، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سوراق جەريانىدىكى قىيىن-قىستاقلار دەستىدىن سالامەتلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇسەمەت ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەت تەرىپىدىن دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ زىيادە كۆپ تەكشۈرۈشلەر ھەم چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن ھەتتا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلىنىمۇ تۈرمىگە بېرىپ يوقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نۆۋەتتە تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن ئېغىر بېسىملار ئىچىدە ھاياتىدىكى ئەڭ مۈشكۈل كۈنلەرنى كۆچۈرۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. بىز بۇندىن كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
