ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى: خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى

ئامېرىكىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىن قوغداش مەقسىتىدە چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى جامائەتكە ئوچۇق يوسۇندا 4-ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتى چاقىرغان بۇ يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكا سانائەت مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان ئىنتېرنېت ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.

يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتى رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزاسى مايك روگېرس (Mike Rogers) رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت ئىشپىيونلۇقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئىنتېرنېت ئىشپىيونلۇقى بىلەن ئەيىبلىشى بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلىرىنى «ئاساسسىز» دەپ، رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەقەت يېقىندا خىتاي گۇگۇل شىركىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنى مىسال قىلىشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن مايك روگېرس: بۇلار پەقەت بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ بەك كېچىككىنە بىر قىسمى، دېدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن شىركەتلەر بىلەن ئايرىم ‏- ئايرىم كۆرۈشكەندە، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن كەلگەن ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىدە تەشكىللەنگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى مىسال قىلدى.

مايك روگېرس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتىنى بىرەرىگە دۆڭگەش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بىراق، ھەرقانداق بىر شەخسىي شىركەتنىڭ ئىنتېرنېت ئانالىزچىلىرى بىلەن سۆزلەشسىڭىز، ئۇلار ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا بۇ چوڭ تىپتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.

مايك روگېرس خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئىشپىيونلۇقى بىلەن ئېلىپ بارغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قىلمىشىنىڭ «چىدىغۇسىز دەرىجىگە» يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى. شۇڭا ئامېرىكا، ياۋروپا ھەمدە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن روبىرو كۆرۈشۈپ، بۇ خىل ئوغرىلىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

مايك روگېرس يەنە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ دائىرىلىرى ھەممىمىزگە قارشى كەڭ كۆلەملىك سودا ئۇرۇشى قوزغىدى. شۇڭا ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارنى بۇ قىلمىشىنى توختىشىشقا قىستىشىمىز كېرەك.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا خىتاينى ئەيىبلىگەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى دۇچ رۇپپېرسبېرگېرمۇ بار بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، بىز خىتاينىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتىمىز.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا مايك روگېرس يەنە ئامېرىكا خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ: بىزنىڭ ئەڭ ئىجادىي پىكىرلىرىمىز ۋە مەخپىي ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ ئۇياتسىزلىق بىلەن ئوغرىلىنىپ كېتىشى ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى خىتاي بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، ئۆز ئالدىغا مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.