غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايغا بەرگەن باھا ۋە تەنقىدلىرى
تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 11 يىلدىن بۇيان، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى، گەرچە خوڭكوڭدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەر ھالدا تىنچ ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدا ئومۇم سايلام يولغا قويۇلمىغانلىقىنى، ئۇچۇر ئەركىنلىكى دەخل - تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تەبىر بېرىش ھوقۇقى پەقەت خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قولىدىلا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
2003 - يىلىدىن كېيىن 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يولغا قويۇش' دېگەننىڭ سۈپىتى ئۆزگەردى
بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خوڭكوڭدا 2003 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نىزامى' غا قارشى 500 مىڭ ئادەم نامايىش قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولمىغان دەپ قاراپ، دەرھال ئۆزىنىڭ خوڭكوڭ ئىسىتراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، خوڭكوڭ ئىشلىرىغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ خوڭكوڭدا 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يولغا قويۇش' دېگىنىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن.
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى 'مەركىزى كومىتېت' ھاۋالە قىلىدۇ
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى 2007 - يىلى 7 - ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي ئىسلاھات تەكلىپىدە پاش قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى 'خىتاي مەركىزى كومىتېتى' ھاۋالە قىلىدۇ، خوڭكوڭدا ئۇنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان ھېچقانداق ھوقۇق يوق. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالى يوق.
خوڭكوڭدا 11 يىلدىن بۇيان 178 قېتىم نامايىش پارتلىدى
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسى ئىسلاھات تەكلىپىدە پاش قىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ خوڭكوڭدا يولغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن 'بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم'، 'خوڭكوڭنى خوڭكوڭلىقلار ئۆزى ئىدارە قىلىش'، 'ئالىي ئاپتونومىيە' دېگەننىڭ ھەممىسىگە خىتاي ئۆزى كاشىلا قىلغان. خوڭكوڭدا 11 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا قارشى پارتلىغان نامايىشلارنىڭ سانى 178 گە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەردىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس دېلو تۇرغۇزغان.
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسى ئىسلاھات تەكلىپىدە پاش قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇلتۇر يەنە، خوڭكوڭدا خەلقنىڭ رايىنى سىناش ئارقىلىق ھاسىل بولغان 2012 - يىلى ئومۇم سايلام ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلغان. ھەتتا خوڭكوڭدا كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە ئومۇم سايلام ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خوڭكوڭلۇقلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئۈمىد ئۈزمەكتە
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسى ئىسلاھات تەكلىپىدە پاش قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆزى يەر شارى بۇيىچە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ۋە ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، گەرچە خوڭكوڭدىمۇ ئىقتىساد %8 ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما 2004 - يىلىدىن كېيىن 6% غا چۈشۈپ قالغان، مال باھاسى 4% ئۆرلىگەن. مەبلەغ ئىگىلىرىنىڭ ئېلىۋاتقان پايدا مىقدارىمۇ ئۆرلىگەن. ئەڭ يامان بولغىنى، خوڭكوڭ ئىقتىسادى ھازىر 'چوڭ قۇرۇقلۇقچە' شەكىلگە كىرىپ قالغان. بۇنىڭغا قاراپ خوڭكوڭلۇقلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئۈمىد ئۈزۈشكە باشلىغان.
خوڭكوڭدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى 10 يىل بۇرۇنقى ئەھۋالدىن %58 تارايغان
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى ئىسلاھات تەكلىپىدە پاش قىلىنىشىچە، گەرچە خوڭكوڭدا ئۇچۇر ۋاستىلىرى داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەش، ھۆكۈمەتكە باھا بېرىش جەھەتتىكى ئەركىنلىكى 10 يىل كەينىگە چېكىنگەن. 2007 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى سەۋىيىدىن %58 تۆۋەنلىگەن.
خوڭكوڭغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى ھازىر بىر مىليون 60 مىڭ
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى ئىسلاھات تەكلىپىدە پاش قىلىنىشىچە، 11 يىلدىن بۇيان خوڭكوڭ بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن نوپۇس مەسىلىسى ھازىر كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى جىددىي قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. 2007 - يىلىغا قەدەر، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تارقىتىلغان 'خوڭكوڭغا بېرىش كىملىكى' دەپ ئاتىلىدىغان كىملىك بىلەن كېلىپ، خوڭكوڭدا تۇرۇپ قالغان ئادەم سانى بىر مىليون 60 مىڭ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىپ يەرلەشكەن ئادەم سانى ھازىر خوڭكوڭ نوپۇسىنىڭ %15 نى تەشكىل قىلىدۇ.
ھەم نامرات ھەم تەربىيە كۆرمىگەن بۇ 'يېڭى كۈچمەنلەر' نىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سايلامدىن پايدىلىنىپ ھوقۇق ئىگىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ يېڭى كۆچمەنلەر ھازىر خوڭكوڭدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى، يەنى سىنىپى پەرقنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خوڭكوڭلىقلارنىڭ خوڭكوڭغا كۆچۈپ كېلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ.
بۇگۈنكى نامايىشتىن 'ئالىي ئاپتونومىيە' خوڭكوڭدا ئەمەلگە ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋابنى چۈشىنىش مۇمكىن
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بۈگۈن خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خوڭكوڭدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىڭپىڭغا ھەشەمەتلىك زىياپەت بېرىلگەندە، 200 ئادەم ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايغا كېلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشتا 'بىزگە ئولىمپىك ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق كېرەك' ، 'ئارزۇ ئوخشاش دېيىلسە، كىشىلىك ھوقۇقمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك' ، 'خوڭكوڭدا 2012 - يىلى چۇقۇم ئومۇم سايلام ئۆتكۈزىلىدۇ'، 'مەركىزى ھۆكۈمەت خوڭكوڭلىقلارغىمۇ ئىشىنىشى كېرەك' دېگەن شۇئار ۋە لوزۇنكىلار بار.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ نامايىشچىلارنى شى جىڭپىڭ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلگۈزمىگەن. بۇ نامايىشتا گەرچە ئادەم سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ھېسيات ناھايىتى جىددىي ۋە كەسكىن. نامايىشتا شى جىڭپىڭ بىۋاستە تەنقىدلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جاڭ زېمىننىڭ نامىنى ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەنقىد ناھايىتى كەسكىن. بۇ 11 يىلدىن بۇيان خوڭكوڭدا پارتلىغان نامايىشلارنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇگۈنكى نامايىشتىن يەنە 'ئالىي ئاپتونومىيە' خوڭكوڭدا ئەمەلگە ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋابنى چۈشىنىش مۇمكىن.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىمۇ خوڭكوڭدا، خىتاينىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 68 مىڭ ئادەم قاتناشقان ئىدى.