مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى خوڭكوڭدا كۈچەيمەكتە

1997-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى بويىچە ئەسلىدىكى دېموكراتىك تۈزۈمىدىكى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسى يىلدىن-يىلغا تارىيىپ بارغان.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى «جۇڭگودىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى چېكىنىش دۆلەت ئىچىدىن ھالقىپ، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىغا كېڭەيمەكتە. خوڭكوڭلۇقلار مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسىگە دۇچ كەلمەكتە!» دەپ چۇقان سېلىشماقتا.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 28-فېۋرال ئېلان قىلغان «خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قايرىپ قويۇپ، مىللىي مائارىپ ئارقىلىق مېڭە يۇيۇشقا ئۆتتى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغنى زور دەرىجىدە قىسىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيىسىگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرغان.

خوڭكوڭلۇق يازغۇچى مەي يىنجىڭنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ يازغان مەزكۇر ماقالىسىدە، ھۆكۈمەت بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئەسلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان مەبلەغنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى قىسقارتىدىكەن. ئەكسىچە، خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلاردا دۆلەت ھېسسىياتى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدىغان ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا زور مەبلەغ سەرپ قىلىدىكەن. خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا كېلىپ پراكتىكا ياكى ئۆگىنىش قىلىش سالمىقىنى كۆپەيتىدىكەن.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگانلىرى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ «ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۇ مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ۋەھشىي. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كالۋا خەلق ۋە قالاق پۇقرالار بارلىققا كېلىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدا ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىلىرى ئۈچۈن 45 مىليون خوڭكوڭ پۇلى ئاجرىتىلغان بولسا، 2011-2012-يىلى ئۈچۈن ئاران 15 مىليون ئاجرىتىلغان. بۇنىڭ قارشىسىدا، «مىللىي مائارىپ» دەپ ئاتالغان مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن مىلياردلاپ پۇل ئاجرىتىلغان.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگانلىرى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان مىللىي مائارىپ سىياسىتىنى «ئۇزۇنغا سوزۇلغان مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى» دەپ ئاتىغان ۋە نوقۇل ھالدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى تەكىتلەيدىغان بۇ خىل مائارىپنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قاراڭغۇ ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئۈستىدىن ب د ت دا شىكايەت قىلىپ كەلگەن.

خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن خوڭكوڭدىكى ئەركىن پىكىر ئېقىمىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقى ۋە مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىنى خوڭكوڭدا كېڭەيتىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بۇ خىلدىكى مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى بولسا، «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيىسى»، «قوش تىللىق مائارىپ»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى»، «ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش» ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرىدە ئوقۇتۇش شەكلىدە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.