خۇ جىنتاۋنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى مەزگىلىدىكى قارشىلىقلار

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق خوڭكوڭ زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە خوڭكوڭ تەۋەسىدە خېلى ئېغىر قارشىلىق ھادىسىلىرى يۈز بەردى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتىدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭسەن شەھىرىدە قانچە ئونمىڭلىغان ياقا يۇرتلۇق ئىشلەمچىلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ماجىرا يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقتى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 27-ئىيۇن كۈنىدىكى توقۇنۇشتا 18 ئادەم ئۆلدى، 300 ئادەم يارىلاندى، 22 نەپەر نامايىشچى قولغا ئېلىندى.

ئۇيغۇر ئىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، 29-ئىيۇن كۈنى خوتەن ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئالتە نەپەر ئۇيغۇر تەرىپىدىن بۇلانماقچى بولغان. گەرچە ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ۋە پۇقرالارنى قاتتىق چۆچۈتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن بىر قانچە سائەت ئىچىدە پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە ھاۋا قاتنىشى ۋاقىتلىق توختاپ، ئون مىڭلىغان يولۇچىنىڭ سەپىرىنى كەينىگە سۈرۈشكە سەۋەب بولغان.

مەزكۇر ۋەقە غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ نەزىرىگە ئۇلىشىپلا قالماي، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى چەكتى. ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقى ھارپىسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەنىڭ ئەجەبلەنگۈچىلىكى يوقلۇقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى ئېغىر بەدەللەر تۆلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تەكىتلەپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ غايىسىگە ئائىت بەزى خاتا قاراشلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ئۇچۇر قاناللىرىنىڭ مەلۇماتىدا بايان قىلىنىشىچە، 29-ئىيۇن كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭغا قەدەم بېسىشى بىلەنلا مىڭلىغان ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن. نامايىش ئايرودرومدىن باشلاپ، تاكى خۇ جىنتاۋ ئورۇنلاشقان مېھمانخانا ئالدىغىچە داۋاملاشقان. نامايىشچىلار 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى، قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ شوئارلار توۋلىغان ۋە لوزۇنكىلار كۆتۈرگەن. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىشلەرمۇ كېلىپ چىققان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 1-ئىيۇل خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ پۇقرالىرى دىڭ شاۋپىڭنىڭ يەنە 50 يىلغىچە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىق ۋەدىسىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىدىن، ھازىر خوڭكوڭنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەن. خوڭكوڭ خىتاي تەۋەسىگە قايتۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان، بۇ جايدا مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، خوڭكوڭدا ھېقىقى دېموكراتىك سايلامنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭلۇقلارنى بىئارام قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.