پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" دەرەخلەر ئىچىدە ياپرىقى تۆكۈلمەيدىغان، ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان بىر دەرەخ بار، ئۇ مۆمىنگە ئوخشايدۇ. ئۇ بولسا، خورما دەرىخىدۇر " دېگەن. چۈنكى خورما دەرىخىدە ھەقىقىي مۆمىن ئادەمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى سۈپەتلىرى گەۋدىلەنگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە مەزكۇر ھەدىستىكى ئوخشىتىشنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدىكى ئوخشىتىشنى شەرھىلەپ مۇنداق دېدى: مۆمىن ئادەم راستىنلا خورما دەرىخىگە ئوخشايدۇ. ئۇ مۇنداق:
خورما دەرىخى تۈپتۈز ئۆسىدىغان دەرەخ، ئۇنىڭ ئەگرى ياكى سىڭايان يېرى يوق. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق تۈز بولىدۇ. بىر ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، ھەمىشە ئىنسانلارغا پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئىلاھىي تەلىماتلاردىن قايرىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ئوي - پىكىردە تۈز، ئېتىقادتا توغرا، سۆزىدە راستچىل، ئىش - ھەرىكىتىدە دۇرۇس بولىدۇ.
خورما دەرىخىنىڭ يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىغا پېتىپ كەتكەن، شاخلىرى كۆككە تاقاشقان بولىدۇ. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئاللاھقا خۇددى خورما دەرىخىدەك كۆتۈرىلىدۇ. خورما دەرىخى مەزمۇت ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بويى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ بوران - چاپقۇنلار ئۇنى تەۋرىتەلمەيدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى بالايى - ئاپەتلەر، مۇسىبەتلەر ۋە ئېغىر كۈنلەر يىقىتالمايدۇ. چۈنكى مۆمىن ئادەم دېگەن سەۋرچان كېلىدۇ.
خورما دەرىخىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى گۈزەل، مېۋىسىمۇ تەملىك كېلىدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى پاكىز، رەتلىك ۋە يېقىملىق بولىدۇ، دىلىمۇ پاك، تەبىئىتى ساپ بولىدۇ، يامان قىلىق، بەتنىيەتلىك، كۆرەلمەسلىك، پىخسىقلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە باشقا يامان ئىللەتلەردىن خالىي بولىدۇ. ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولىدۇ. خورما دەرىخىنىڭ ھەممە يېرى پايدىلىق. ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلىدۇ، ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولىدۇ. ياغىچى چەللە - باراڭ ياساشقا، شاخلىرى قەپەس ياساشقا، ياپراقلىرى سېۋەت ياساشقا، پاخاللىرى ئارغامچا ياساشقا ئىشلىتلىدۇ. مېۋىسىنى ئىنسانلار يېسە، ئۇرۇقى ھايۋانلارغا ھەلەپ قىلىپ بېرىلىدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە تەرەپتىن پايدىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەقلى ھەققانىيلىقىنى ئويلايدۇ، تىلى راست ۋە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ، غەيۋەت قىلمايدۇ، گەپ توشۇمايدۇ، تۆھمەت چاپلىمايدۇ. شۇڭا ھەركىم مۆمىن ئادەمدىن ياخشىلىق كۈتىدۇ، ئۇنىڭدىن يامانلىق كەلمىگەچكە ئۇنىڭغا ھەركىم ئىشىنىدۇ ۋە خاتىرجەم بولىدۇ.
خورما دەرىخىنىڭ مېۋىسى يىل بويى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، يىل بويى بازارغا كىرىدۇ. خورما غۇرا ھالىتىدىمۇ، پىشقان ھالىتىدۇ، قۇرۇغان ھالىتىدىمۇ يېيىلىدۇ. مۆمىن ئادەممۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە توختاپ قالماي ئۈزلۈكسىز پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، سىلە - رەھىم قىلىپ يوقلايدۇ.
خورما دەرىخىگە چالما ئاتسىڭىز مېۋە تاشلاپ بېرىدۇ، مۆمىن ئادەممۇ يامانلىقنى يامانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن قايتۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا ئەڭ ئېسىل ئۈلگىدۇر. ئۇ ئۆزىگە بەرمىگەنلەرگە بەرگەن، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلغان، ئۆزىنى يوقلىمىغانلارنى يوقلىغان، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرىۋەتكەن.
خورما دەرىخى يىل بويى ياپراقلىق ھالەتتە ياپ - يېشىل تون كىيگەن بولىدۇ. مۆمىنمۇ گۈزەل ئەخلاق، تەقۋالىق ۋە ئالىيجانابلىق تونىنى ئۆمۈر بويى سالمايدۇ.
خورما دەرىخىنىڭ سايىسى يېنىك بولۇپ، ئەتراپتىكى زىرائەتلەر ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، زىيان يەتكۈزمەيدۇ. مۆمىن ئادەممۇ ئەتراپىدىكى خوشنىلىرىغا، دوست - بۇرادەرلىرىگە، خىزمەتداشلىرىغا ئېغىرچىلىق سالمايدۇ، زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
دېمەك، مۆمىن ئادەم خۇدددى خورما دەرىخىگە ۋە مېۋىسىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا ھەمىشە پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك بولىدۇ.