ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاينى مەدرىسە ۋەقەسىدە «جىنايى قىلمىشىنى سۆز بىلەن پەردازلىدى» دەپ ئەيىبلىدى

تۈنۈگۈن خوتەندە يۈز بەرگەن مەدرىسە بالىلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى، خەلقئارا ئاخبارات ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن كۆپلىگەن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەندىن باشقا، بىر قىسىم تەشكىلاتلارمۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مەزكۇر ۋەقەنى، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زوراۋانلىقىدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى. بۇ تەشكىلات باياناتىدا خىتاينىڭ بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قۇتقۇزۇش، دەپ ئاتىغانلىقىنى ئۆز جىنايى قىلمىشىنى سۆز بىلەن پەردازلاش دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ خوتەندىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قۇتقۇزۇش دەپ ئاتىشى نۇقتىلىق تەنقىدلەنگەن. بىز مەزكۇر باياناتتىكى مۇھىم نۇقتىلار توغرىسىدا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوپنى زىيارەت قىلدۇق. ئالىم سېيىتوپ سۆزىدە ئالدى بىلەن مەزكۇر مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىختىيارى بىلەن ئەكىلىنگەنلىكىنى، رايوندا دىنىي ئۇستازلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەجبۇرى توپلاش ئادىتى ھەم ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ مەكتەپتىكى دىنىي ئۇستازلارغا گۇناھ ئارتىشىنى تەنقىد قىلدى. ئالىم سېيىتوپ يەنە مەزكۇر ئوقۇتۇشنىڭ خىتاينىڭ خوتەن شەھەر ئىچىدىكى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ 5 ‏-قەۋىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى ئەۋەتمەي تۇرۇپمۇ، ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىقمۇ، مەدرىسىنى تاقاش مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، پەقەت خىتاي بۇ يەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئۈچۈنلا، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان سورۇنغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكى ۋە زورلۇق قورالى ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئالىم سېيىتوپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكىتىنى قۇتقۇزۇش دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىگە مۇپتىلا بولغاندىن تارتىپ، باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن خالىي ھالدا ياشاپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈن يەنە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خوتەندىكى تۈنۈگۈنكى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى تەكىتلىدى. مەشھۇر خىتاي دېموكىراتچىلىرىدىن دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر تەشكىلات، خىتاينىڭ كورلا ۋە خوتەندىكى دىنىي ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بايان قىلدى. تەشكىلات باياناتىدا، بۇ تۈر ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندىكى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى، ۋە رايوندا پات يېقىندا يەنە بىر قوزغىلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنى زوراۋانلىق يولىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. تەشكىلات باياناتىدا يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى خوتەن ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىش ۋە ۋەقە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.