ئالدىنقى كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىغا نامايىش ئۈچۈن بارغاندا تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلار بۈگۈن، بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەرزىيەت خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مەسىلىنى تۆۋەندە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە خەت قىلىپ بەرگەن. ئەمما ئەرزدارلار، بۇ خەت بىلەن مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ قوروسىدا توپلىشىپ ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئەھۋالدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى، قاراتاغىزدىن كەلگەن بۇ دېھقانلارنى يۇرتىغا يولغا سېلىۋېتىشكە ئالدىرىماقتا. ئەرزدارلارمۇ، ئۈرۈمچىدىن بۈگۈن - ئەتە ئىچىدە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قاراتاغىزغا يولغا چىقىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. شۇڭا ئۇلار بېيجىڭدىن قايتىشنى رەت قىلغان.
ئۇلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ بېرىپ، ئەھۋالىنى ئېيتىپ كۆرمەكچى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.