ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 200 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 186 مىڭى يەنى 6% نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. قاراتاغىز دېھقانلىرىنىڭ شىكايەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۈەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ پەرقلىق مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، خوتەنلىك ئەرزدارلار تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا بېرىپ، بىڭتۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرسىزلىك ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مىللىي ئىشلار كومىتېتىمۇ ئەرزدارلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەن، پەقەت مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقى ھەققىدە قۇرۇق ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى كۈتىشىنى بۇيرىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆزلۈك ھوسۇل يىغىش پەسلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرماقتا. مەزكۇر ئەرزدارلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى تېخى يىغىۋېلىنمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى باغدا سېسىپ كېتىش ۋە ياكى مەزكۇر جايدىكى چىلان كارخانىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يىغىپ كېتىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. شۇڭا ئەرزدارلار دائىرىلەرنىڭ مەسىلىگە جىددىي تەدبىرىنى قوللىنىشىنى، يەنى دائىرىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بىڭتۈەن رەھبەرلىكىگە بىۋاستە تېلېفون قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشىغا يول قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىشنى ۋە ياكى تېزدىن مەزكۇر يېزىغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن بىڭتۈەن ساقچى ۋە كادىرلىرى تۈنۈگۈندىن باشلاپ، ئۇلارغا قايتىپ كېتىش ھەققىدە تەربىيە بېرىشتىن تەھدىت سېلىشقا ئۆتكەن. ئەرزدارلارنىڭ بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئەرزدارلارنىڭ ئىككى نەپەر يېتەكچىسىگە بىڭتۇەن ساقچىلىرى ئايرىم ھالدا ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەش نامى ئاستىدا تەھدىت سالماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.