خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان يېڭى سىياسەت
ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى جۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان تىنچلىق نامايىشىنى ئەمدى 'ھېزبۇ تاھرىرچىلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن يۈز بەرگەن بىر تۇتاش ئاممىۋىي نامايىش' دەپ ئەيىبلەپ چىقىشى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قوللانغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ئاقمىغاندىن كېيىن دۇنيادىكى باشقا ناتوغرا پىكىر ئېقىمىغا چېتىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان يېڭى سىياسىتى.
'ۋىكى ئانسكلوپىدىيىسى'دە بايان قىلىنىشىچە،'ھېزبۇ تاھرىر ' دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆز ئېنگىلىزچىگە ئازادلىق پارتىيىسى' دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، 'ھېزبۇ تاھرىر' دېگەننى ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىدىن تاقىئۇددىن ئەل ناباتى 1952 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بىر خىل پىكىر ئېقىمى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىكىر ئېقىمىغا ئاساسەن سۈننىيلەر شۇ نامدا پارتىيە قۇرغان، بۇ تەشكىلات ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيىلەرگە تارالغان. كېيىنچە ئىسرائىلىيىگە قارشى تەرەپلەرمۇ بۇنىڭدىن پايدىلانغان. بۇ تەشكىلات ئىئوردانىيە قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدە چەكلەنگەن.
ئۇيغۇرلار پەقەت مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، 'ھېزبۇ تاھرىر' دېگەننى بىلمەيدۇ
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى باياناتچىسى ما مىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھېزبۇ تاھرىرچىلار 1999 - يىلى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. بۇ پىكىر ئېقىمىدىكىلەر قورالسىز شەكىل بىلەن جاھات قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ پىكىر ئېقىمىدىكىلەر پەقەت بىر نەچچە ئادەم بىر توپ بولۇپ، قۇرئان - كېرىم ئەقىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، ئۇنىڭ باش يېتەكچىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۈزبېكستاندا بۇ پىكىر ئېقىمىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى 75 مىڭغا يېتىدۇ. ما مىڭنىڭ قارىشىچە، ھېزبۇ تاھرىرچىلەر ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا.
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ھېزبۇ تاھرىر دېگەن تەشكىلاتنى بىلمەيدۇ ۋە ئىسلام خەلپىلىكى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقىنى يوق، پەقەت مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
