7-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەن شەھەر چۇقۇربازاردىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت تۈرك قانىلى جىددىي خەۋەر سۈپىتىدە تارقاتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى تېمىسىدا بېرىلگەن خەۋەرنى، تۈركىيە رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى ئەدىز تيانشان ئەپەندى خەۋەر قىلدى. ئۇ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە، خوتەندە بولغان ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. تۈركىيىدىكى چوڭ-كىچىك پۈتۈن گېزىتلەر 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى سانىدا بۇ خەۋەرگە يەر بەردى. تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن ھۆرىيەت، ۋاقىت، دۇنيا بۈلتەنى، بۈگۈن، مىللەت، يېڭى شافاق قاتارلىق گېزىتلەر 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەندە بولغان ۋەقەنى ھەر خىل تېمىلاردا ئېلان قىلدى. ھۆرىيەت گېزىتى خوتەندە بولغان ۋەقەنى «شەرقىي تۈركىستاندا يەنە قان ئاقتى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلدى. خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان:
«خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان زىددىيەت تۈنۈگۈن توقۇنۇشقا ئايلاندى. ۋەقەنى كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى قوزغىلاڭچىلار بىر ساقچى پونكىتىغا ئوت قويۇۋېتىپ ساقچىلارنى گۆرۈھگە ئالغان. بۇ توقۇنۇشتا 2 ساقچى 2 قوغدىغۇچى بولۇپ جەمئىي 4 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ساقچىلار گۆرۈھگە ئېلىنغان ساقچىلارنى قۇتۇلدۇرغان بولسىمۇ، كۆپ ساندا يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.»
خەۋەردە يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنى يېڭىدىن كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قوزغىلاڭچىلارنى بۆلگۈنچى، مۇستەقىلچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى يازغان. خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 200 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن شۇنداقلا خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
دۇنيا بۈلتەنى گېزىتىدە «خىتاي يەنە قىرغىنچىلىق باشلاتتى: 20 ئۇيغۇر ئۆلدى» ماۋزۇسى بىلەن ئېلان قىلغان خەۋەردە ئالدى بىلەن خوتەندە بولغان ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. خەۋەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىغا يەر بېرىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيىدىن بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى 14 ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ، 6 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. تىنچلىق يولى بىلەن نامايىش قىلىشقا كەلگەن 70 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتۇپ كېتىلگەن.»
دۇنيا بۈلتەنى ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان «خىتاي يەنە قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى: 20 ئۇيغۇر ئۆلدى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە، خىتاي ئۇچۇر ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ خېپىڭنىڭ باياناتىغا يەر بېرىلگەن. ئۇ بۇ ھۇجۇمنى قىلغانلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم تەشۋىقات مەسئۇلى ياڭ گوچياڭنىڭ خوتەندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىغىمۇ يەر بېرىلگەن، ئۇ بىر گۇرۇھ تېررورچىنىڭ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇزۇندىن بېرى پىلانلانغان بىر ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يازغان.
تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى «شەرقىي تۈركىستاندا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلدى » دېگەن تېمىدا ئېلان قىلدى.

يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكەن خەۋەرلەردىن باشقا بۈگۈندىن باشلاپ ساباھ گېزىتىدە «زامانىۋى يىپەك يولى ئىستانبۇل-ئۈرۈمچى» ماۋزۇلۇق ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ماقالىنى ژۇرنالىست گۈل كىرەكلو خانىم ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا، قەشقەر، شىخەنزە، بۆرتالا ۋە غۇلجا قاتارلىق يەرلەرنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن يېزىپ ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەر مىللەت خەلقى بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر زېمىن دەپ تەسۋىرلىگەن.
مۇخبىر ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن ۋە مۇدىر مۇئاۋىنى غەيرەت سالىيىفلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار مۇخبىرغا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئۆتكەن يىلى 11 مىليارد يۈەن پۇل بەرگەنلىكىنى، بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بەك نامرات يېزا تۇرمۇشى ياشىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بەكلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى دېگەن.
ژۇرنالىست گۈل كىرەكلو خانىم، تۈركىيىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن ماقالىدە دېيىلىۋاتقانلارنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بارلىقىنى يازىدۇ. ئۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئىمامى ئابدۇرەقىپتىن دىنىي ئەركىنلىكىڭلار بارمۇ دەپ سورىغىنىدا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
«ھەممىمىز بەك راھەت ياشاۋاتىمىز. ئىبادىتىمىزنى ئەركىن ھالدا قىلالايمىز. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىك بار. مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت بىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەتتا 2001-يىلىدىن بېرى مىسىرغا 30 ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ ئوقۇتتۇق. 10 مىڭدىن كۆپ مۇسۇلمان سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدى. ھەتتا ئىماملىرىمىز خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلاندى.»
ساباھ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «زامانىۋى يىپەك يولى ئىستانبۇل-ئۈرۈمچى» ماۋزۇلۇق ساياھەت خاتىرىسىدە، خىتاي بالىلارغا ئۇيغۇر كىيىمى كىيدۈرۈپ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن قول قول تۇتۇپ رەسىم چۈشۈرۈپ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ساباھ گېزىتىگە تېلېفون قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشمەكتە.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ساندا تۈرك ژۇرنالىستلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلىپ، بۇ خىل زىيارەت خاتىرىلىرىنى يازدۇرماقتا.