
رادىئومىز دۈشەنبە كۈنى خوتەن نامايىشى ھەققىدە مەخسۇس ئىنگىلىزچە دوكلات تەييارلاپ دۇنياغا ئېلان قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن سەيشەنبە كۈنى خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ ھۆكۈمەت تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار ۋەقەنى ئاز ساندىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن كېلىپ چىققان توپىلاڭ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى دەپ بىلدۈرگەن. بۈگۈن دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى خوتەن نامايىشىنى خەۋەر قىلدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
" ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ، خەنزۇلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى خالايدۇ"
نامايىشنى خەۋەر قىلغان نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى خوتەندىكى ۋەقەنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنى ئاياللارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشىنىڭ چەكلىنىشى دەپ بايان قىلغان بولسا، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى دەپ كۆرسەتكەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، خوتەن شەھىرىدىكى ۋاڭ گولياڭ ئىسىملىك بىر تىجارەتچىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار خەنزۇلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، خەنزۇلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى خالايدۇ" دېگەن ھەم خوتەندىكى پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئاساسى قاتلام ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىلا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىر يەنە، خوتەن شەھىرىدىكى بىر بانكا خىزمەتچىسىنى زىيارەت قىلغىنىدا، چېن پەمىلىلىك بۇ خىتاي پۇقراسى خوتەندە نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى، ئۇزۇندىن بېرى نارازىلىق ساقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
" ھۆكۈمەت ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك خىتايلار ئىگىلىۋالغان "
نامايىشنى خەۋەر قىلغان بىرلەشمە ئاگېنتلىق، نامايىشتا ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ رومال ئارتىشقا چەكلىمە قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. خىتاينىڭ ۋەقەنى ئاز ساندىكى تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر، دىنىي رادىكاللار كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن ئەيىبلىمىسىنى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارىغان، بىرلەشمە ئاگېنتلىق مەسىلىنىڭ ئاساسىي يىلتىزىنىڭ خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلغان: " شىنجاڭ بىر مۇسۇلمانلار رايونى، يەرلىك خەلق مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاردىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك خىتايلار ئىگىلىۋالغان."
خوتەندىكى نامايىشلارغا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا ئۆلگەن مۇتەللىپ ھاجى سەۋەبچى بولدى
بۇ قېتىم خوتەن نامايىشىنى خەۋەر قىلغان داڭلىق خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلاردىن بىرى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدۇر. بۇ ئاگېنتلىق ئۇيغۇرلارنى 60 يىلدىن بېرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىنى چېكىپ كېلىۋاتقان خەلق دەپ يازغان. ئاگېنتلىق يەنە، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، خوتەندە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا ئۆلگەن دەپ قارالغان مۇتەللىپ ھاجى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ جەسىتىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ يىل 3 -مارت كۈنى ئائىلىسىگە تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ئۇن-تۈنسىز دەپىنە قىلىۋېتىشىنى تاپشۇرغانلىقىنى يازغان ئاگېنتلىق، مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، خىتاي ساقچى ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە خىتاي تەرەپنىڭ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى يازغان.
خىتاي ئەمەلدارى: "ئىسلامىي بىر دۆلەت قۇرماقچى، تىبەتتىكى توپىلاڭغا جور بولماقچى"
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر ۋەقەنى رومال ئارتىش بىلەن ئالاقىسى يوق، پەقەت قۇتراتقۇچىلار، شىنجاڭدا ئىسلامىي بىر دۆلەت قۇرماقچى دەپ بىلدۈرگەن. خوتەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن فۇ چاۋ، ھۆكۈمەتنىڭ رومال ئارتىشنى چەكلىمىگەنلىكىنى، پەقەت رومال ئارتىش ئىش ۋە خىزمەت جەريانىدا قولايسىز بولغىنى ئۈچۈن، ئېلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ۋەقەنى تىبەتتىكى توپىلاڭغا جور بولۇش دەپ چۈشەندۈرگەن. فۇ چاۋ يەنە مۇخبىرغا، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ نەسىھەت قىلىپ قويۇۋېتىلگەنلىكى، ئەمما غوللۇق ئۇنسۇرلارنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىق بۇ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى سىياسىي سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى يازغان.
Duetsche presse ئاگېنتلىقى خوتەن نامايىشى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە نامايىشنى شىنجاڭنىڭ ئەڭ نامرات رايونىدىكى ئىسيان دەپ بايان قىلغان.
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار، خوتەن نامايىشى خەۋەر قىلىنغان بىر قىسىم چەتئەل ئاخباراتلىرىدا يېزىلغانلار. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى يېزىلىش بىلەن بىللە، ئەڭ يېقىنقى ۋەقە سۈپىتىدە، 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان. (شۆھرەت ھوشۇر)