خوتەن ۋە قەشقەردىكى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلار

ب ب س ۋە رويتېرسقا ئوخشاش خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە توغرا مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈشكە تىرىشتى.

0:00 / 0:00

خوتەن ۋە قەشقەردە ئارقا-ئارقىدىن ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بۇ ھەقتە خەۋەر، خەۋەر ئانالىزلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ياكى ئۇنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ئىلگىرى سۈرگەنلەر ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق ھادىسىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ ئىچكى يۈزى يورۇتۇلدى. مەسىلەن، خىتاي دائىرىلىرى بەرگەن باياناتلىرىدا، ۋەقەنىڭ رايوندىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ھاياتىنىڭ ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقى رويتېرستا چىققان «قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرى قورقۇنچ ئىچىدە قالدى» ناملىق خەۋەردە بۇنىڭ ئەكسى بايان قىلىندى. خەۋەردە، رويتېرسنىڭ مۇخبىرى ۋەقە كۈنى يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان خىتايلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:
ۋەقە يۈز بەرگەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نوپۇسى ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىر خىتاي كۆچمە نوپۇسىنىڭ ئېقىنىغا ئۇچرىماقتا. ئەسلى سىچۈەنلىك بولغان 21 ياشلىق خۇ فامىلىلىك «بىز ئۇ كۈنى تېررورنى كۆردۇق، بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى، يەردە جەسەتلەر، قانلار تۇراتتى. ھازىر بىرەر كىشىمۇ كوچىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ» دېدى. خۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى كۈن ئاۋۋال 200 دەك خىتاي بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، دەپ نامايىش قىلغان ئىكەن.

نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان 43 ياشلىق ۋاڭ فامىلىلىك سودىگەر ئۆزىنىڭ كېلەر يىلى بۇ يەردىن كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ :«بۇ يەردە بەك تولا ئىش چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق خىتاي مىللىتىنى ئۆزىگە نىشان قىلغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا تۇرسا، مەن يەنە ئۇلارغا قانداق ئىشىنىمەن» دېدى.

مۇخبىر خەۋىرىدە، نۆۋەتتە قەشقەردە ھەممىلا يەرنى ساقچىلارنىڭ قورشاپ كەتكەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن بىر قانچە كۈن بويىچە دۇكانلارنىڭ ئېچىلمىغانلىقى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى بايان قىلغان. مۇخبىر ۋەقەگە قارىتا ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرنىڭ يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئوخشىمايدىغان بايانلىرىغا يەر بەرگەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۈمىدى قالمىدى» دېگەن سۆزىنى مىسال قىلىپ ئالغان. رويتېرستىكى مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا يەنە، 29 ياشلىق بىر خىتاي ياشنىڭ كۆز قارىشىغىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، مۇخبىر ئۇ خىتاي ياش بىلەن بولغان سۆھبىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
29 ياشلىق خىتاي ياش ماڭا: بۇ ۋەقەلەر مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىغا ئەلۋەتتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى، دېدى. ئەمما ئۇ سۆزىگە يەنە «ھۆكۈمەت بىزگە ئىناق-ئىتتىپاق ياشايدىغان بىر مۇھىتنى يارىتىشى كېرەك» دېگەننىمۇ قوشۇپ قويدى.

مۇخبىر خەۋىرىدە، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتلاردا ئايرىمىچىلىققا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ ئىچكىرىدىن كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى تارتىۋالغانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى يازغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىر ئۇيغۇرنىڭ قىسقىغىنە بىر ئېغىز جاۋابىغا يىغىنچاقلىغان. مۇخبىر ماقالىسىنى: «مەن قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇردىن «سەن خىتايلارنى ياخشى كۆرەمسەن» دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا:«ياق، مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇلارنىڭ نىيىتى بەك قارا» دەپ جاۋاب قايتۇردى، دەپ ئاياغلاشتۇرغان.

خوتەن ۋە قەشقەردە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىدىمۇ نۇرغۇن خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «يىپەك يولىدا ئۆلۈم» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىدا ئاپتور مايكىل دىرون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ئۈسىتىدە ئۆزى مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور مۇلاھىزىسىدە ئالدى بىلەن خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇندىن ئىلگىرى 1995-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتكەن. ئاپتور ۋەقەدىن كېيىن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ سوئال-سوراقسىز قولغا ئېلىنغانلىقى، تۈرمە ۋە ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-خىتاي رەسمىي دائىرىلىرى ۋەقەنى سىرتتىكى تېررور كۈچلىرىگە باغلاپ قويدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر ئىسپات يوق. تېخى يېقىندا، بېيجىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تېررور گۇرۇپپىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئىسپات كۆرسەتمىدى. قەشقەر ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىمۇ بېيجىڭ ئوخشاشلا يەنە ھۇجۇمچىلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ.

ب ب س دا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى مايكىل دىلون خەۋەر ئانالىزىدە، قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ھۆكۈمەت بۇ ئۆيلەرنى يەر تەۋرەشكە چىدامسىز، دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى شەھەرنىڭ ئىچىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تارقاقلاشتۇرۇش دەپ قارايدىغانلىقىنى، قەشقەرگە سېلىنغان يېڭى ئىقتىسادىي مەبلەغلەر بىلەن بىرلىكتە كۆچۈپ كەلگەن مىڭلىغان خىتاي كۆچمىنىدىنمۇ قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى چەتئەللەردىكى كۈچلەرگە ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتپ، خەۋەر ئانالىزىنى: «ئۇيغۇرلار ناھايىتى كەسكىن بىر ۋەزىيەت ئىچىدە تۇرماقتا. قاچانىكى، ھەقىقىي جىنايەتچىلەر بولغان كەمبەغەللىك، چەتكە قېقىش ۋە ئايرىمىچىلىققا خاتىمە بېرىلگەندە، ئاندىن بۇ زىددىيەت تولۇق ھەل بولىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

رويتېرس ۋە ب ب س دا ئېلان قىلىنغان يۇقىرىدىكى ماقالىلەردىن سىرت، ئامېرىكا ئاۋازى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، خاففىڭتون پوچتىسى قاتارلىق گېزىتلەردىمۇ «ئۇيغۇرلار پۇل ئەمەس، ھەق تەلەپ قىلىدۇ»، «غەربىي رايوندىكى مىللىي زىددىيەت»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قانداق بىر تەشكىلات» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلەردىمۇ يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدەك پاكىتلار كۆرسىتىلدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى خەلقئارا تېررورچىلىققا باغلىشىغا قارىتا بىر قاتار مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى ۋە كۈچلۈك قارشى تەشۋىقاتىغا قارىماي، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتى يورۇتۇلغان، ئوبيېكتىپ خەۋەرلەرنىڭ چىقىشىنىڭ ناھايىتى ئىجابىي بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى دېيىشتى.