خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزا باشلىغى ھەبىبۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە ۋەقەنىڭ سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ پەقەت ئىجتىمائىي تەرتىپ ساقلاش ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىلغان خەلقچىل بىر تەدبىر.
ئەمما مەزكۇر يېزىنىڭ سىياسىي - قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل سېكرېتارى جۈرئەتنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ قېتىمقى زاراخەتمە ۋە تۇتقۇن قىلىش ئىشى جىددىي ۋە سەزگۈر بولغان سىياسىي ۋەقە.
ۋەقەدە جازالانغانلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن جازالانغانلىقى ھەققىدە يەنىلا ھەيرانلىق ئىچىدە.
تەرەپلەرنىڭ بىلدۈرگەن بايانلىرىدىن قارىغاندا، زاراخەتمە بىرقانچە نۇقتىدىن خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. بۇنىڭ بىرى دۇئا - تىلاۋەت ئۆتكۈزۈلگەن زاراتگاھلىقنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن شېھىتلىك دەپ قارىلىشى.
زاراتگاھلىقنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ مەھەللىدىن ئۇزاق ۋە پىنھان جايدا بولۇشى، خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان يەنە بىر سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن قوشراپ ۋەقەسىدىن كېيىن، مەھەللە - كويدىن ئۇزاق پىنھان جايلارغا ئالاھىدە ئەندىشە بىلەن قارىماقتا.
زاراخەتمىگە 400 گە يېقىن كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى، خىتاينى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا چەكلىمە قويۇش بىلەن بىللە، پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ سانىغا چەك قويۇپ كەلمەكتە.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقىملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن شەكىلدە قايتىدىن قۇراشتۇرماقتا. ھەج مەسىلىسىدە تارقاقلىققا قارشى تۇرغان خىتاي، ھېيت ۋە جۈمە نامازلىرى ۋە دۇئا - تىلاۋەتلەردە تارقاقلىقنى تەشەببۇس قىلماقتا.