خىتاي پۇقرالىرى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىمەكتە

ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەندىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان بىر توپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئېلىشىش يۈز بەرگەن.

0:00 / 0:00

نەق مەيداندا ئاز دېگەندە 19 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ تۆت نەپىرى خىتايكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە يەنە ئاز دېگەندە 14 نەپەر ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر يارىلاندۇرۇلغان.

ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەلق تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن نەقىل قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ساقچىخانىنىڭ ئىسمى نۇرباغ ساقچىخانىسى بولۇپ پالتا، قىڭراق، بېنزىن قاچىلانغان بوتۇلكىلار بىلەن قوراللانغان بىر توپ ئۇيغۇرلار ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن. نۇرباغ ساقچىخانىسى ئىچىدىكى سودا سانائەت تارماق ئىدارىسىمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىككى كىشى يارىلانغان.

ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان خەلق، قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئالما گېزىتىنىڭ خوتەندىكى بىر مېھمانخانا خادىمىدىن ئىگىلىشىچە، 17-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈش خادىمى خوتەنگە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، «توپىلاڭچىلارنىڭ مەقسىتى ئۇلارغا كۈچ كۆرسىتىش، خىزمەتلىرىگە كاشىلا قىلىش» تىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى «مۇستەقىلچى زوراۋان كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 18-ئىيۇلدىن باشلاپ خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى خوتەن تەۋەسىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. خىتاي پۇقرالىرىغا «سىرتقا چىققاندا زوراۋان كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن پەخەس بولۇش» ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن. ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى مۇنداق دېگەن «بۇ يەردە خەنزۇ پۇقرالىرى دائىم تاياق يەيدىغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئايدا ئۈچ نەپەر خەنزۇ قىزى ئۆلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە بۇ دېلو پاش قىلىنمىدى.»

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەردە بىر نەپەر ئۇيغۇر چوڭ كوچىدىلا 6 نەپەر خىتايغا پىچاق سېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە 4-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر 40 ياشلىق بىر خىتاي ئايالنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خوتەندە ئېغىر ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. 18-ئىيۇلدىن باشلاپ خەلقئارا مەتبۇئاتلار د ئۇ ق مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خوتەندىكى ۋەقەنىڭ ھېقىقى قىياپىتىنى بىلىشكە قىزىققۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن.

ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن دىيارىنى مۇستەقىلچى كۈچلەرنىڭ چوڭ بازىلىرىدىن بىرى دەپ قارايدىكەن. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇستەقىللىق تەرغىب قىلىنغان تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى كەڭ تارقالغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسلىرى ھەرخىل بولۇپ، ب ب ك خىتايچە قانىلى بۇ ۋەقەنى «4-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ زور قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتىدى. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قانلىق توقۇنۇش» دەپ ئىزاھلىدى. فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى بولسا «ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر قانلىق سۈركىلىش» دەپ باھالىدى.