خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خوتەندە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى، ياۋۇز قاراقچىلار ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى، قوراللىق قىسىملىرىمىز دەرھال يېتىپ كېلىپ قاراقچىلاردىن 6 نى ئېتىپ تاشلاپ، ئۇلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدى، مەركەزدىن بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى. 7-ئاينىڭ 19-كۈنى (بۈگۈن)، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي-پاكىستان چېگراسىغا يېقىن جايلاشقان خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى تەشكىللەنگەن تېررورلۇق ھۇجۇم، دەپ جاكارلىدى دەپ بايان قىلدى.
بۈگۈن خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتى سۈن جايې ئىسىملىك خىتاي مۇلاھىزىچىسىنىڭ، خىتاينىڭ شىنجاڭغا قويغان باش ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەن بىر يىلدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان «شىنجاڭنى يۇمشاق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىش» يېڭى سىياسىتى ھازىر چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى، دېگەن مەزمۇندىكى مۇلاھىزىسىنى ئېلان قىلدى. ئاپتور بۇ مۇلاھىزىسىدە، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇمشاق قوللۇق سىياسەت شارائىتىدا، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۆي چېقىش ماجىراسى دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك ۋەقەلەر بىۋاسىتە مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خوتەندە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقە، خىتاينى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىنى، بىخلىنىپ بولغۇچە يوقىتىۋېتىش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتقان ھۆكۈمەت. خىتاي ئۇلارنى باستۇرۇشنى تېررورچى دېگەن نام بىلەن يولغا قويۇۋاتىدۇ. «تېررورچى» دېگەننىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن تەبىرى بار. بىگۇناھ خەلقنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈپ ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق سىياسىي مەقسەتكە يېتىشنى ئويلىغانلار تېررورچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرنى تېررورچى دەپ باستۇرۇشتا قوللىنىدىغان ساقچى ئورگىنىغا قىلىنغان ھۇجۇم. خىتاينىڭ ساقچى ئورگىنى تولۇق قوراللىق مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئورگان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى، دەل خىتاينىڭ مۇشۇنداق ئەڭ ھەيۋىلىك نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ھۇجۇمنى خىتاي ئالدىن بىلەلمىگەن ۋاقىتتا، تەييارلىقسىز تۇرغاندا، كىچىك كۆلەمدە، پارتىزانلىق شەكىل بىلەن ئۇشتۇمتۇت قوزغىغان. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىكى يەنە بىر يېڭى يۆنىلىش. بۇ، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىغان خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر قېيىن ۋە نازۇك مەسىلە.
بۇ ئوبزوردا شەرھلەپ كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، خۇددى 2008-يىلى قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ ئوتتۇزدەك ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، چارىسىز قالدۇرغان ئەھۋالغا ئوخشايدۇ.
بۈگۈن خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە، خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇنازىرە بولدى. بۇ مۇنازىرىدە، بېزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھازىر تىنچىپ، ناخشا-ئۇسۇل، مەدھىيە زېمىنىغا، بەختلىك، ئىناق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ بولدى دېگەن تەشۋىقاتلىرىغا بېرىلگەن زەربە، دېسە، بېزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ھەرىكىتىنى قوللايمىز دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بېزىلەر، يەنە بىر ۋاڭ جېنىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قىرىپ تاشلاش كېرەك، دېسە، بېزىلەر، كوممۇنىست باندىتلىرى شىنجاڭغا خىتايدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ئىمكانىيەتلىرىنى بارغانسېرى كىچىكلىتىپ قويدى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، كۆچمەن خىتايلارنى كوممۇنىست خىتاي بىلەن بىر قاتاردا قويىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويسا، ئۇنى توغرا چۈشىنىش كېرەك دېگەن. يەنە بېزىلەر ئافرىقىدا كازافىي خەلقنى باستۇرسا، ناتو قىسىملىرى خەلقنى قوغداش ئۈچۈن كازافىيغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى كازافىي ھۆكۈمىتىدىن ۋەھشىي، گېتلېردىنمۇ ۋەھشىي، بىنلادىندىنمۇ ۋەھشىي، خەلقئارا جەمئىيەت ئەمدى كوممۇنىست خىتاينى باستۇرۇپ خەلقنى قوغدىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.