خوتەن خەلقى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغان، مەيدانى تەۋرىمەيدىغان، كۈرەشلەردە ئارقىغا يانمايدىغان يەرلىك مىجەزى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇشلۇقتۇر. بۇ تەبىئەت 1930-يىللاردا خوتەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئەڭ يېقىنقى خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قەدەر بىر يۈرۈش چوڭ- كىچىك ۋەقەلەردە ئۆزىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ھالدا كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
يېقىنقى 15 يىلغا نەزەر سالساق، ئالدى بىلەن خوتەندە يۈز بەرگەن مەسچىت ۋەقەسى خاتىرىلىنىدۇ. 1996-يىلى خوتەن شەھىرىدىكى بىر مەسچىت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەسچىت جامائىتى ئىبادەتلىرىنى شەھەرنىڭ قايناق مەركىزىدە ئەمەس، شەھەرنىڭ خىلۋەت بۇرجىكىدە قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. شۇ چاغدا چەتئەلگە يوشۇرۇنچە ئېلىپ چىقىلغان بىر ۋىدىيو لېنتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەسچىت جامائىتى مەسچىتنى چېقىشقا قارشى نارازىلىقىنى ئالدى بىلەن ئاغزاكى ئىپادىلەيدۇ؛ ئارقىدىن يازما تەكلىپ سۇنىدۇ؛ تەلەپلىرى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنغاندا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش قىلىدۇ. نامايىشمۇ جاۋابسىز قالغاندا، نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا تاش ۋە كېسەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ.
1997-يىلى خوتەندە بىر نەپەر ھۆرمەتكە ساۋاۋەر دىنىي زات قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇمۇ خوتەندە يەنە بىر قېتىملىق نامايىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق نامايىشتا يۈزلەرچە كىشى تۇتۇلىدۇ ۋە كېسىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى نامايىشنى قاتتىق باستۇرۇش يولى بىلەن خوتەن خەلقىنى جىمىقتۇرماقچى بولىدۇ؛ ئەمما خوتەن يەنە تىنچىمايدۇ.
2000-يىللاردا نېپالغا قېچىپ چىققان شىرئەلى قاتارلىق خوتەنلىك ياشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەندە 2000-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە، كىچىك-كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاي ساقچى خادىملىرىغا، چىرىك ئەمەلدارلىرىغا، مىللەت خائىنلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. دىنىي ئۆلىمالىرىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈش، ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنى ھىمايە قىلىش، ھەقىقەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى قەدىرلەش خوتەن خەلقى ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىدىندۇر.
خوتەندە 2007-يىلى تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن قاشتېشى سودىگىرى مۇتەللىپ ھاجى، ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى ئادەتكە ۋارىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭ تالىپ بالىلارغا تۇرالغۇ ئۆي بېرىشى، مەھبۇس ئائىلىلىرىدىن ھال سورىشى خىتاي تەرىپىدىن جىنايەت دەپ بېكىتىلىدۇ. 2008-يىلى مارت ئېيىدا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مۇتەللىپ ھاجىنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قاراقاش ساقچى ئىدارىسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا توپلىنىدۇ. ھەق ۋە ئادالەت دەپ شوئار توۋلايدۇ. نامايىشچىلار يەنە تۇتقۇن قىلىنىدۇ، جازالىنىدۇ.
2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكى خوتەن خەلقىنى يەنە بىر قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەشھۇر خوتەن ئاياللار نامايىشى يۈز بېرىدۇ. نامايىشچىلار، چېكىدىن ئاشقان ئولىمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە، دىنىي چەكلىمىلەرگە، تۈرمىدىكى قىيىن-قىستاقلارغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. رادىئويىمىزنىڭ شۇ چاغدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش ئىككى داۋام قىلىدۇ، 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتراك قىلىدۇ. بىرىنچى كۈنى 400، ئىككىنچى كۈنى 200 بولۇپ، جەمئىي 600 نەپەر ئايال تۇتقۇن قىلىنىدۇ. تۇتقۇنلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، خىتاي ج خ خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشىدۇ. توقۇنۇشتا بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرى، خىتاي دۇكانلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى يەنىلا زوراۋانلىق، بۇلاڭچىلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ. خىتاي ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ۋەقەگە قاتناشقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى يەنى قانداق جازالىغانلىقىنى ھازىرغىچە يوشۇرماقتا.
2010 -يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى قاتناش ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ئاقنىياز نۇر ئىسىملىك بىر ياش بىر سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە خوتەن شەھەر ئىچىدە كېتىۋاتقاندا، بىر ساقچى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىدۇ. ئاقنىياز ئاپتوموبىلى بىلەن قاتناش ساقچىسىنى سوقۇپ ئۆتۈپ مەيداندىن ئۇزاقلىشىدۇ. ئاقنىياز مۆكۈنۈپ ياتقان يېرىگە ساقچى يېتىپ كەلگەندە ساقچىنىڭ 29 يېرىگە پىچاق تىقىپ، ساقچىنى ئۆلتۈرىدۇ.
خوتەندە يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى شىددەتلىك ۋەقەلەردىن بىرى ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدۇر. خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ۋەقەنىڭ ئالدىن پۇختا تەييارلانغانلىقى، ھۇجۇمنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولغانلىقى ۋە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۈگۈنكى باياناتلىرىدا، ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۇجۇم داۋامىدا قوللىرىدا ئىسلام بايرىقى كۆتۈرگەنلىكى ۋە دىنىي شوئارلارنى توۋلىغانلىقىنى قەيت قىلغان ۋە ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنىڭ مىللىي ياكى سىياسىي ئەمەس، پەقەتلا تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ توۋلىغان شوئارى ۋە كۆتۈرگەن بايرىقى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي زۇلۇم ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ خوتەن دىيارىدا يىللاردىن بېرى يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىگە قارشى ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان رابىيە قادىر خانىم، 18-كۈنكى ھۇجۇمدا، خىتاينىڭ بىر دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى سەپتە رول ئالغانلىقىنى، 18-ئىيۇل ۋەقەسىدىكى پىدائىيلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.