تۈنۈگۈن بىر تۈركۈم خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى خوتەنگە يېتىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ناۋاغ ساقچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن. مۇخبىرلار بۇ نۆۋەت خىتاي دائىرىلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن باشقا، يەرلىك ساقچىخانا خادىملىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەردىنمۇ ئەھۋال ئىگىلىگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىقتىسادىي ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئەتراپتىكى ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، پىدائىيلار، ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ساقچىخانىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ خىتاينىڭ بەشيۇلتۇزلۇق قىزىلبايرىقىنى ئېلىپ تاشلىغان. بۇنىڭ ئورنىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى يەنى ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى قادىغان. خىتاي ھۇجۇمچىلارنىڭ قولىدىكى بايراق مەسىلىسىدە ھەرخىل ئۇچۇر بېرىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ بەزى خەۋەرلىرىدە بۆلگۈنچىلىك بايرىقى دېيىلسە، بەزىلىرىدە جاھاد بايرىقى دېيىلگەن. خىتاينىڭ يەر شارى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سۈرەتلىك خەۋىرىدە پىدائىيلارنىڭ ساقچىخانا ئۆگزىسىگە بايراق قادىغان چاغدا ئۆگزىگە چىقىش ئۈچۈن قوللانغان شوتا ۋە تۇڭلۈكنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلگەن. رەسىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، قادالغان بايراقنى بۆلگۈنچىلىك بايرىقى دەپ ئاتىغان. خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزل بايرىقىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى، ئورنىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ قادالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمچىلار ساقچىخانىنىڭ سىرتىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلمىغان. ھۇجۇمچىلار ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرگەندە ئۇيغۇر ساقچى رەيھانگۈلگە ئۇدۇل كەلگەن بولسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن. ھۇجۇمچىلار ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرگەندە بەزى خادىملار ئۈستەلنىڭ ئاستىلىرىغا مۆكۈۋالغان. رەيھانگۈل دېرىزىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

خىتايچە خوتەن ئۇچۇر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، چارشەنبە كۈنى كەچتە، يەنە ئىككى نەپەر خىتاي شەھەر ئىچىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ساقچىخانىلارغا بېرىپ ئۆز بىخەتەرلىكلىرىنىڭ قوغدالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئاخباراتقا بەرگەن باياناتلىرىدا، ھۇجۇمچىلارنى يەنە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن.
ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بەرگەن غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن يەنە بىر بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىغا جاۋاب قايتۇردى. ئۇ بۈگۈنكى باياناتىدا، «ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەس» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
رابىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە زوراۋانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىن بىرىدۇر. رابىيە خانىم باياناتىدا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى خۇ خەنمىننىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن «خىتاينىڭ بۇ تۈر ھۇجۇملارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش سالاھىيىتى يوق. خىتاي بۇنداق بىر سالاھىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پۇقرالىرىنىڭ سۆز ۋە تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىگە يول قويۇشى كېرەك.» رابىيە خانىم يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى، ئادالەتسىز ئۆلۈم جازاسىنى ۋە تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاقنى توختاتماي تۇرۇپ، ئۆزى ئۇچرىغان قوراللىق قارشىلىقلارنى تېررورلۇق دېيىشكە تېخىمۇ ھەققى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرىنى چەتئەلدىن ياكى باشقا يەر ئاستى تەشكىلاتلاردىن ئىزدىمەي، ئۆزىنىڭ تۈزۈم ۋە سىياسىتىدىن ئىزدەشكە چاقىردى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ بۇلاپ-تالىنىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا توختىماستىن ئېقىپ كىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز زەربىگە ئۇچرىشى شۇنداقلا، 5 -ئىيۇلدىن كېيىن توختىماي داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بۇ قېتىمقى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدۇر.
رابىيە خانىم باياناتىدا ئۆزىنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئۇيغۇرلارنى زورۋانلىق يولىغا مەجبۇرلىماسلىققا چاقىرغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا خىتاينىڭ قۇلاق سالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رابىيە خانىم يەنە دۇنيا جامائىتىنى ھۇجۇمچىلارنىڭ قوللىرىدىكى قورال بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ قولىدىكى قورالنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى قىلالىدى؟ چۈنكى ئۇلاردا بۈگۈن ھوقۇق يوق، ئۇلاردا مال دۇنيا-يوق، ئۇلاردا خىزمەت ۋە ياشاش ئىمكانى يوق.»
رابىيە خانىم باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى باستۇرۇش ئارقىلىق يوق قىلىۋېتىش پىلانىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇشقا ۋە بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.