تۈنۈگۈن خوتەن شەھىرىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدا چىققان ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خوتەن شەھەر ئىچىدىكى 4 ساقچى پونكىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇمات بېرىمىز. يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچىخانا ناۋاغ ساقچى پونكىتى، ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر قىسمى بولسا قەشقەر ۋىلايىتىدىن.
خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە تەپسىلىي جەريانىنى يوشۇرماقتا. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى توققۇزاق ناھىيىسىدىكى بىر يارلىقتا بىر يىلچە مۆكۈنۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ يىل 5-ئايدا بۇلارنىڭ بىر قىسمى، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. بىر قىسمى بولسا قېچىپ كەتكەن.
يەنە بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، توققۇزاقتىن قېچىپ كەتكەن بىر نەپەر ياش خوتەندە تۇتۇلغان.
نۆۋەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرى، توققۇزاقتا تۇتقۇندىن قېچىش ۋەقەسى بىلەن خوتەندىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. ئەمما ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان پاكىتلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرسىز ھالەتتە تۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.