ئەمما 19-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئاراغا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئەسلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ئاز دېگەندە 20 نەپەر ئۇيغۇر نامايىشچىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 70 نەپەرگە بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم بۇ ھەقتە ئىستانسىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىن باشلاپ خوتەندە جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەندىن باشقا، شۇ كۈنى چۇقۇ بازاردىكى ناۋاغ ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تولۇق بولمىغان بىر قىسقا خەۋەردىن باشقا، بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قامال قىلىشى، ئەكسىچە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا قىزىقىشىنى ئاشۇرماقتا شۇنداقلا چەتئەل ئاخباراتى خىتاي يوشۇرۇۋاتقان مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەم جەريانى شۇنىڭدەك ئۆلگەن، يارىلانغانلار سانى قاتارلىق كونكرېت ئۇچۇرلارغا بەكرەك قىزىقماقتا.
سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرىغا خوتەندىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ كۆرسەتكەن.
بىر كۈن ئاۋۋال خىتاي ئاخباراتلىرىدا خوتەندە ساقچىخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى «بىر گۇرۇھ توپىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمى» دەپ ئالغان ئىدى. سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئاخباراتلىرى بىردەك مەزكۇر ۋەقەگە «پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دېگەن ئاتالغۇسىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە باشلىدى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتە 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ۋەقە 18-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن 10 دا يۈز بېرىپ قوراللىق ساقچى ۋە توپىلاڭ باستۇرۇش قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن پۈتۈنلەي تىنچىتىلدى دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە چۈشەندۈرۈشىچە، 18 توپىلاڭچى خوتەن شەھىرىگە 16-ئىيۇل سۇقۇنۇپ كىرىپ، ھەر خىل ھۇجۇم قىلىش قوراللىرىنى ئېلىپ تەييارلاپ 18-ئىيۇل كۈنى 10دا ناۋاغ ساقچىخانىسىغا پالتا، پىچاقلار ۋە پارتلايدىغان شېشىلەرنى ئېلىپ بۆسۈپ كىرىپ ئادەملەرنى گۆرۈگە ئېلىش، ئۇرۇش، چېقىش ئوت قويۇشقا ئوخشاش زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى ۋە بىر ساقچى ھەمدە گۆرۈگە ئېلىۋالغان بىگۇناھ كىشىدىن ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئىككىسىنى يارىلاندۇردى، 6 كىشىنى گۆرۈگە ئالدى. ساقچى قىسىملار 14 جاھىل جىنايەتچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، تۆتنى تىرىك تۇتتى، 6 نەپەر گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. ئەمما ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ياكى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەت تارقاتقان بۇ خەۋىرىدە ۋەقەنىڭ خاراكتېرىگە ۋە سانلىق مەلۇماتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يېتەرلىك سەۋەب ۋە ئىسپات كۆرسىتىلمىگەچكە شۇنداقلا قورالسىز كىشىلەرنىڭ تولۇق قوراللىق دۆلەت ئاپپاراتىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ شەرھلىشى تېررور ئۇقۇمىغا ماس كەلمىگەچكە، ئاخباراتلارنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىدى. خەلقئارالىق ئاخباراتلار ئۇيغۇرلارنىڭ خوتەندىكى ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى 2008 يىلىدىكى سەمەن ۋەقەسى ۋە يامانيار ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاش دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
18-ئىيۇل خوتەن چۇقۇ بازاردىكى ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 19-ئىيۇل خوتەندىكى قانلىق ۋەقە ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقا-ئارقا ئىككى كۈن تارقاتقان خەۋەرلىرىگە پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر مەركىزىگە يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرى ئاساسىدا ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا بولسا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولۇپ خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان يۈزدەك ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئارقىدىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك ئوققا تۇتقانلىقى، بۇ جەرياندا 20 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە يەنە 11 ياشلىق خانزۆھرە ئىسىملىك بىر نارەسىدە قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئادەمنىڭ ئوقتا يارىلانغانلىقىدەك تەپسىلىي سان-سېپىرلار كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا مەزكۇر ئۇچۇرلارنى يارىدارلار ئېلىپ بېرىلغان دوختۇرخانا ۋە بىر قىسىم ۋەقە شاھىتلىرى ئارقىلىق ئىگىلەنگەنلىكنى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەنى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر دەپ قارايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىبرەت ئالمىدى، باستۇرۇشلارغا نارازى بولۇپ تىنچلىق ئۇسۇلدا ئىپادە بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزمەكتە...» دەپ ئەيىبلىدى.