خوتەن ياڭقاللىسىدىن كېلىپ چىققان ماجىرا ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى
2012.12.05

تىجارەتچى-خېرىدار ئارىسىدىكى ئادەتتىكى بىر دەتالاشتىن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ بىر ئۈلگىسىگە ئايلانغان بۇ ۋەقە، ھازىر ۋېيبودىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر چەتئەل ئاخباراتلىرىغىچە ئۇلاشتى. ئۇنداقتا، بىر كېچىدە خوتەننىڭ ياڭقاللىسىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرغان ھەم ئوخشاش ۋاقىتتا مىللەتلەر سىياسىتى ئۈستىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار نېمىلەر؟
يۆيەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋېيبو تور بېتىدىكى سەھىپىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا كېلىپ چىققان يۇقىرىدىكى بۇ توقۇنۇشنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ياڭاق مېغىزى سېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى بىلەن لىن فامىلىلىك بىر خىتاي خېرىدار بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىقتىن تاكاللىشىپ قالغان. بۇ ئىككىيلەن ئاخىرى بېرىپ، بىر-بىرىنى ئىتتىرىشكەن. بۇنىڭغا ئەتراپتىكى باشقا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە خىتايلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، ۋەقە زورىيىپ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كوللېكتىپ سوقۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ۋەقەدە ئىككى كىشى يېنىك يارىلانغان، 160 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ياڭقاللا زىيان بولغان.
بۇ خەۋەر ۋېيبو تورى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋېيبو تورداشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ناچارلىقىغا بېرىپ تاقاشقان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى بولسا خىتايدىكى ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ يىلتىزى ئىكەن. خوش، ئۇنداقتا بۇ تورداشلار قايسى نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. مۇنازىلەرگە قارايدىغان بولساق، خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ بۇنداق بىر يەكۈنگە كېلىشىدىكى چىقىش نۇقتىسى ئويلىغاندىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەكلا كەڭ قوللۇق قىلىپ، ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىۋاتىدۇ، پۈتۈن بۇ زىددىيەتلەر شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار بۇ ياڭقاللا ئۈچۈن 160 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىشىنى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى، دېگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يۆيەن شەھىرى ساقچىلىرى ۋەقەنىڭ مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنى ئالداپ-سىلاپ، پەپىلەپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك پۇلغا يارىمايدىغان ياڭقاللىغا 160 مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەنمىش. مۇنازىرىلەردە بەزى تور قوللانغۇچىلىرى تېخى ياڭقاللىنىڭ 160 مىڭ يۈەنگە يارىغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ «160 مىڭ يۈەنگە بېيجىڭدا بىر كىچىك ئۆي كېلىدۇ. بۇندىن كېيىن ئالتۇن ئالغاننىڭ ئورنىغا، ياڭقاللا ئېلىپ ساقلاپ قويايلى» دېسە، يەنە بەزىلىرى «بۇندىن كېيىن ئۆيلەنمەكچى بولساق، قىزنىڭ ئۆيىگە باشقا تويلۇق كۆتۈرۈپ كىرگۈچە ياڭقاللا كۆتۈرۈپ كېرەيلى» دېگەن. بەزى تورداشلار يەنە تېخى ئۇيغۇر ياڭقاللا ساتقۇچىلىرىنى ياۋايى، يېنىدا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم قورقۇتىدۇ، جازانىخور دېيىشكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تۆۋەن نومۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيدىكەن، بىردىن ئارتۇق بالا ئالالايدىكەن، جىنايەت ئىشلىسە، خىتايلاردىن ئاز جازا ئالىدىكەن، ۋەھاكازا دېگەندەك ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدىكەن. مانا مۇشۇ پەرقلىق مۇئامىلە خىتاي جەمئىيىتىدە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللىي زىددىيەتكە يول ئېچىپ بېرىۋېتىپتۇ.
يۇقىرىدىكى بۇ خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە، چەتئەللەردىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر پۈتۈنلەي قارشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى پەقەتلا بىر نىقاب ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئىمتىيازلارغا ئېھتىياجى يوق. مەزكۇر ۋەقەنى ئىنتېرنېتتىن يېقىندىن تەقىب قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شۇ كۆز قاراشنى ياقىلىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
خوتەن ياڭقاللىسىغا تۆلەنگەن 160 مىڭ يۈەن پۇلدىن كېلىپ چىققان بۇ مۇنازىرە دۈشەنبە كۈنى ۋېيبو تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن بېرى ھازىرغىچە 2 يېرىم مىليون كىشى تەرىپىدىن كۆرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ھازىر ۋېيبودىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى ئايلاندى. خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتنى يورۇتۇپ بەرگەن بۇ ۋەقە چەتئەل ئاخباراتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتكۈچىلىكى گېزىتى ۋەقەنى «يېمەكلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش خىتاي مۇنازىرە سەھىپىسىنى قىزىتىۋەتتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس خەۋەر قىلدى. ئىنگلىزچە خرىستىئان سايەنس مونىتور دەپ ئاتىلىدىغان بۇ گېزىت مۇلاھىزىسىدە، خىتاي تورداشلىرىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئەكسىچە، ئۆزلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىىتىنىڭ قۇربانلىرى، دەپ قارايدىغانلىقىدەك قىزىقارلىق بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ، بۇنى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، ئۇنى چىرايلىق قەغەز بىلەن ئوراپ خەلققە سۇنۇشىنىڭ ئاقىۋىتى، دەپ بايان قىلغان. خرىستىئان سايەنس مونىتور خىتاينىڭ مىللىي سىياسىىتىنى خۇلاسىلەپ: «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ھېچنەرسە 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدەك ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. مۇراسىمدا خىتاي ئۆزىدە 56 مىللەت بارلىقىنى پەخىر بىلەن نامايان قىلىپ، ھەر خىل مىللىيچە كىيىم كىيگەن كىشىلەرنى پاراتتىن مەغرۇر ھالدا ئۆتكۈزدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىىسى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇلار پەقەت مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىۋالغان خىتاي ئارتىسلار ئىدى» دېگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە ئوخشاش مىللەتلەرگە ئاتالمىش ئېتىبار بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا ئۆز كىملىكى، ئۆز ئىرادىسى بويىچە ياشاش ھوقۇقى بەرگەندىلا ئاندىن مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ۋەقە ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى تىۋىتتىر تورى ئارقىلىق ئورتاقلاشقان. ئۇ 11-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايدىكى ئاخباراتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا ئېشىپ، ۋەقەلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنى قورقۇنچلۇق قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كېڭىىيپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «بەزى ئاخباراتلار ۋە بەزى كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق زادى قانداق بىر سىياسىي مەقسەتكە يەتمەكچى؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ يۇقىرىدىكى ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ قاتتىق زېدىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق ئىشلار ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دېگەن.