ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بۇ ۋەقە، خانئېرىق يېزىسىدىكى ساقچى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي رەت قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي سىياسىتىنى ئاقلاشقا تىرىشقان ساقچىلارنىڭ ئەزەلدىن راس سۆز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە بۇ ھەقتە ئاڭلىتىش بېرىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، خوتەن ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دىنىي ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى شۇنىڭدەك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلغانلىقى، ھەتتا بىر ئائىلىدىكى 4 ئاكا - ئۇكىنىڭ 3 ىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.
بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، خانئېرىق يېزىسىدىكى ساقچى پونكىتىغا تېلېفۇن ئۇردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىم بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.
بۇ ئارىدا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، خوتەن ناھىيىسى دائىرىلىرىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايون، شۇنىڭدەك ۋىلايەت ئورۇنلاشتۇرغان مۇقىملىق خىزمەتلىرى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ، " ئولىمپىك بىخەتەرلىكى"خىزمىتىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن سىرت، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە يېزا - كەنتلەردىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى مەركەز قىلغان ئاساستا، قانۇن بۇيىچە خوتەن ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسىدىكى 4 ئاكا - ئۇكىنىڭ ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، خوتەن ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسى ساقچى خادىملىرىنىڭ مەزكۈر يېزىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ئۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا رەددىيە بەردى.
