مەركىزى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇرناكۈن جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ،«يەر شارى ۋاقتى» تور گېزىتىنىڭ خوتەن گۆجەنباغ ئاھالىلەر كومىتېتى تارقاتقان ئۆي ئاقتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا دائىر خەۋىرى جىددىي ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى
خوتەن گۆجەنباغ ئاھالىلەر كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۆي ئاقتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئامانلىق كۈچلىرىگە ماسلاشمىغان ئاھالىلەرگە كۈچ قوللىنىدىغانلىقى ۋە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە ئۇلارنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق ئىنگلىز تىلىدىكى «يەر شارى ۋاقتىى» تور گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، گۆجەنباغدىكى ئۆي ئاقتۇرۇش ھەرىكىتى«كۆزدىن كەچۈرۈش» ھەرىكىتى، دەپ ئاتىلىپ، ئىجارىكەش ئاھالىلەرنىڭ نىشانلىق«كۆزدىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر تور گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھەرىكەتنىڭ نىشانى«قۇرئان ئۆگىنىش» كە قارىتىلغانلىقى، دائىرىلەرگە ماسلىشىپ، ئىشىكىنى ئاچمىغان ئاھالىلەرگە كۈچ قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوتەندىكى ئۆي ئاقتۇرۇش ھەرىكىتى، 6 - ئىيۇن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خوتەن شەھىرىدە بىر قۇرئان كۇرسىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، كۇرستىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە كۇرس خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 3 كىشىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن باشلانغان ئىدى. دائىرىلەر، قۇرئان كۇرسىدىكى بىر گۇماندارنىڭ ئوت ئالغۇچى ئەسۋابنى پارتلىتىپ، بالىلارنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۆي ئىچىگە ئاتقان ياش ئاقتۇرۇش گاز بومبىسى ئوت ئېلىپ، بالىلارنىڭ شۇنىڭدا يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى يوشۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، گۆجەنباغ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدە توختىلىپ: بىز نىشانلىق ئىجارىكەش ئاھالىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بىزنىڭ ئاساسلىق دىققەت نىشانىمىز قۇرئان ئۆگىتىشكە ئوخشاش قانۇنسىز پائالىيەتلەر، دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ 19 - ئىيۇن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئاقتۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان تونۇشنى كۈچەيتتى، دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، قۇرئان ئۆگىنىشنى مەنئى قىلىش خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ "دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى" ۋە "دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق" توغرىسىدىكى 36 ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ دىنىي ئىبادەتنى جىنايەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنىپ: بۇ خىل چەكلىمە ئىسلام دىنىنى تايانچ قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە پەۋقۇلئاددە زور بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي چەكلىمە ئارقىلىق تىنچ دىنىي ئىبادەتنى جىنايىلەشتۇرۈشكە ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشىغا توسۇق سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى ئېلشات ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان بىر خىل دۈشمەنلىكتۇر.
لېكىن خوتەن يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان پۇقرالارغا زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىسىدە بىر - - بىرىگە زىت بايانات بەرگەن. "يەر شارى ۋاقتىى" گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئاقتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ: ئەگەر پۇقرالار ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى ياكى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ماسلىشىشنى رەت قىلسا، بىز كۈچ قوللىنىمىز، دېگەن. بىراق ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن، ساقچىلارنىڭ بىر سەۋەب بولمىسا، پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە مەجبۇرى بېسىپ كىرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: ساقچىلار چويلىدا توختىغۇدەك بىر سەۋەب بولمىسا، ھەرگىز پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە مەجبۇرى بېسىپ كىرمەيدۇ ياكى زوراۋانلىق كۈچ قوللانمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، خوتەندىكى قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئىما قىلىپ: ئۆتكەن قېتىم گۇماندارلار ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى رەت قىلغاچقا، ساقچىلار نىڭ كۈچ قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، «يەر شارى ۋاقتىى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىكى مەنبەسى ئېنىقسىز نەقىللەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىگە يۈرگۈزۈپ كەلگەن كەلسە - كەلمەس مۈجمەل قانۇنى تەرتىپلىرىنى ئىلگىرىلەپ مۈجمەللەشتۈرۈۋەتكەن. ئېلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدە قوللىنىدىغان ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئاقتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان گۆجەنباغ ئاھالىلەر رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومغا قوشنا بولۇپ، 6 - ئىيۇن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قۇرئان كۇرسى بۇ جايغا يېقىن يەردە ئىدى. 6 - ئىيۇندىكى قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 12 بالا يارىلانغان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندىكى دىنىي كۇرس ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى«5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، «گۇمانلىق» دەپ قارىغان ئۆكتىچى پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتۇر.
0:00 / 0:00